ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ سىمېيدېرېۋو پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە جاۋاب خەت يازدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-05-02 09:37

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-ئاپرېل خېگاڭ گۇرۇھى سىمېدېرېۋو پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدىكى سېربىيەلىك ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى جۇڭگو-سېربىيە دوستلۇقى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2016-يىلى مەن سېربىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مەزگىلدە، سىمېدېرېۋو پولات-تۆمۈر زاۋۇتىغا بېرىپ سىلەر بىلەن يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇپ، كۆپچىلىكنىڭ جۇڭگو-سېربىيە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قوللاش ۋە پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان ئۈمىدىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. سىلەرنىڭ خېتىڭلاردىن مەن ئىككى تەرەپنىڭ باشقۇرۇش كوللېكتىپى ۋە پولات-تۆمۈر زاۋۇتى ئىشچىلىرىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ قىياپىتىنىڭ يېڭى تۈسكە كىرىپ، سىمېيدېرېۋو شەھىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تىرەك بولغانلىقىنى بىلدىم. مەن پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ جۇڭگو مەبلىغىدىكى كارخانا مەبلەغ سالغاندىن كېيىن زىياننى تېزدىن پايدىغا ئايلاندۇرغانلىقى، 5000 دىن ئارتۇق ئىشچى خىزمەتچىنىڭ خىزمەت ئورنىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولغانلىقى، نەچچە مىڭ ئائىلىنىڭ تىنچ، بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ تەرەققىياتى ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەيدىغان، جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان ئىشچى-خىزمەتچىلەردىن ئايرىلالمايدۇ، سىلەر جاپالىق ئەمگىكىڭلار ئارقىلىق پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ تەرەققىياتىدا كۈنسېرى يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگو-سېربىيە چوڭقۇر دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق ياراتتىڭىلار، مەن سىلەرنى «ئالقىشلايمەن».

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىمېدېرېۋو پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ ياخشى تەرەققىياتى جۇڭگو بىلەن سېربىيەنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرغانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىشىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگە. پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى جۇڭگو-سېربىيە دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ قاتناشقۇچىلىرى، گۇۋاھچىلىرى، تۆھپىكارلىرى، شۇنداقلا مەنپەئەتلەنگۈچىلىرى. سىلەرنىڭ ئۆز خىزمىتىڭلارنى داۋاملىق جان-دىل بىلەن ياخشى ئىشلەپ، پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ تىجارىتى ۋە تەرەققىياتىغا قىزغىن ئاتلىنىپ، سېربىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جۇڭگو-سېربىيە دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يېقىندا، خېگاڭ گۇرۇھى سىمېيدېرېۋو پولات زاۋۇتىدىكى سېربىيەلىك ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ 30 ۋەكىلى رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، پولات زاۋۇتىنىڭ يېقىنقى تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە شۇ جايدىكى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تونۇشتۇرۇپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ تۈرگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە تۈرتكە بولغانلىقىغا بولغان مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ سىمېيدېرېۋو پولات-تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرىگە جاۋاب خەت يازدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 29-ئاپرېل خېگاڭ گۇرۇھى سىمېدېرېۋو پولات-تۆمۈر زاۋۇتىدىكى سېربىيەلىك ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇلارنى جۇڭگو-سېربىيە دوستلۇقى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى.