ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-06-11 10:46

جۇڭگو كومپارتىيەسى  مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە خەۋپسىزلىكىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، ئېنېرگىيە چوڭ ۋەزىيىتىگە ماس كېلىدىغان يولنى تېپىپ چىقىپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئېنېرگىيە ئىستېمال ئىنقىلابى، ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ئىنقىلابى، ئېنېرگىيە تېخنىكا ئىنقىلابى، ئېنېرگىيە تۈزۈلمىسى ئىنقىلابىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى ھەر تەرەپلىمە كۈچەيتىپ، ئېلىمىزنىڭ يېڭىچە ئېنېرگىيە سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئېنېرگىيە كاپالىتى ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى كۈچلۈك تىرەككە  ئىگە قىلىپ، دۇنيانىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئېنېرگىيە تەرەققىياتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىشىگە جۇڭگونىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو كۈچىنى قوشتى. يولداش شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرىنىڭ مەنىسى چوڭقۇر، ئىچكى مەزمۇنى مول، ئىدىيەسى چوڭقۇر بولۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئېنېرگىيە ئىنقىلابىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئېنېرگىيە كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى بىخەتەر، ئىشەنچلىك ئېنېرگىيە كاپالىتىگە ئىگە قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ كىتاب سەككىز مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، جەمئىي 217 بۆلەك بايان بار، بۇ بايانلار يولداش شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىلى نويابىردىن 2024-يىلى مايغىچە بولغان مەزگىلدىكى دوكلاتى، سۆزى، نۇتقى، سۆھبىتى، تەبرىك خېتى، جاۋاب خېتى، يوليورۇقى، تەستىقى قاتارلىق 130 نەچچە پارچە مۇھىم ھۆججەتتىن ئېلىنغان. بۇنىڭ ئىچىدە بىر قىسىم بايانلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت تەتقىقات يۇرتى تەھرىرلەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندىلەر» ناملىق كىتاب يېقىندا مەركىزىي ھۆججەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.