شى جىنپىڭ ئاكادېمىك ياۋ چىجىغا جاۋاب خەت يازدى
يېقىندا، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، چىڭخۇا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ياۋ چىجىغا جاۋاب خەت يېزىپ، ئۇنىڭدىن سەمىمىي ھال سورىدى ھەمدە سەمىمىي ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنداق دېدى: سىز ۋەتەنگە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان 20 يىلدىن بۇيان، ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىڭىزنى ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ھەرىكىتىڭىزگە ئايلاندۇرۇپ، چىڭخۇا داشۆسىدە قېتىرقىنىپ ئىشلەپ، ئۈن-تىنسىز تۆھپە قوشۇپ، ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەپ، پەن-تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىپ مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردىڭىز، سىزدىن سەمىمىي ھال سورايمەن.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سىزنىڭ ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆز ئۈستۈنلۈكىڭىزنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپچىلىكنى يېتەكلەپ، ئىختىساسلىقلارنى ئۆز ئالدىغا تەربىيەلەش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، پەنلەرنىڭ گىرەلىشىشى ۋە ئالدىنقى قاتاردىكى يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش ۋە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بازىسى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىپ قۇدرەت تېپىش، مائارىپتا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش، پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
ياۋ چىجى ئىلگىرى ئامېرىكىدىكى ئالىي مەكتەپلەردە ئۇزاق مۇددەت ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، 2004-يىلى ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ چىڭخۇا داشۆسىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ھازىر چىڭخۇا داشۆسى سۈنئىي ئەقىل شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى، گىرەلەشمە ئۇچۇر تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى. يېقىندا، ياۋ چىجى باش شۇجى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، ۋەتەنگە قايتىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان 20 يىلدىن بۇيانقى ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش، پەن تەتقىقاتتا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلىپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەد