ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتايلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-10-01 12:00
«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى 19-سانىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتايلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى. بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012-يىلى 11-ئايدىن 2024-يىلى 5-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى.
ماقالىدا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ يادروسى بولۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنى ۋەتەننىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. 5000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز خەۋپ-خەتەر ۋە سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ چوڭقۇر، ئۇزاق مۇددەتلىك ۋەتەنپەرۋەرلىك ئەنئەنىسىگە ئىگە بولۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
ماقالىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ۋەتەنپەرۋەرلىك كونكرېت، رېئال بولىدۇ. زامانىمىزدىكى جۇڭگودا ۋەتەنپەرۋەرلىكنى تەشۋىق قىلىشتا جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش شەرت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن قەتئىي تەۋرىنىشكە بولمايدىغانلىقى؛ جۇڭگو كومپارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ياراتقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش شەرت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن قەتئىي تەۋرىنىشكە بولمايدىغانلىقى؛ جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقى جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىدىن ئۆرنەك ئېلىپ، مۇستەقىل، ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇھىم سىياسەت ۋە يۆنىلىشىدە ئۇزاققىچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇش شەرت ئىكەنلىكى، ئۇنىڭدىن قەتئىي تەۋرىنىشكە بولمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇش شەرت. ۋەتەننى سۆيۈش بىلەن پارتىيەنى، سوتسىيالىزمنى سۆيۈشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ۋەتەنپەرۋەرلىك ئاندىن جانلىق، ھەقىقىي بولىدۇ، بۇ ھازىرقى زامان جۇڭگو ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىپادىسى.
ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى نۇرلاندۇرۇشتا، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى مەڭگۈلۈك تېما قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك بىلەن سوتسىيالىزمنىڭ بىرلىكىدە، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ۋارىسلىق قىلىشتا، مەۋقەنى مىللەتكە قارىتىش ھەم دۇنياغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇش شەرت.
ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەيلى دەۋر قانداق تەرەققىي قىلسۇن، بىز بىر نىيەتتە بولۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىدىغان مىللىي كۈچنى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىيىنچىلىقتىن، خەۋپ-خەتەردىن قورقماسلىق، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش، غەلىبە قىلىشقا جۈرئەت قىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

تەرجىمان: پاتىگۈل مۇھەممەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمائىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتايلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتايلى» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.