شى جىنپىڭ فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن فىنلاندىيە زۇڭتۇڭى سىتۇب بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 29-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ، فىنلاندىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى ئالىكساندىر سىتۇبنىڭ ئېلىمىزگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى.
تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى.
رەئىس شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ يى قاتارلىقلار قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.
سىتۇبقا ھەمراھ بولۇپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلەردىن زۇڭتۇڭنىڭ رەپىقىسى، مۇھىت ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشى مىنىستىرى، دېھقانچىلىق- ئورمانچىلىق مىنىستىرى قاتارلىقلار بار.
ھەربىي ئوركېستىر فىنلاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ دۆلەت شېئىرلىرىنى ئورۇنلىدى.
سىتۇب شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنى كۆزدىن كەچۈردى.
ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پارات مۇنبىرىگە قايتىپ ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ سەپكە تىزىلىشىنى كۆردى.
سىتۇب شى جىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئېلىمىزدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى.
قارشى ئېلىش مۇراسىمىدىن كېيىن، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ سىتۇب بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: فىنلاندىيە يېڭى جۇڭگو بىلەن ئەڭ بالدۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن تۇنجى بولۇپ ھۆكۈمەتلەر ئارا سودا كېلىشىمى ئىمزالىغان غەرب دۆلىتى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيە باشتىن-ئاخىر دوستانە ئۆتۈپ، بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەپ، بىر-بىرىگە ئىشىنىپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تارىخ، مەدەنىيەت، تۈزۈم پەرقىدىن ھالقىپ، باراۋەر ئالاقىلىشىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھازىر، دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان خەۋپ-خەتەر، خىرىسلار كۆپىيىۋاتىدۇ. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى تېخىمۇ ئۆزگىچە قىممەتكە ئىگە بولۇپ، ھەسسىلەپ قەدىرلەشكە ۋە جارى قىلدۇرۇشقا ئەرزىيدۇ. جۇڭگو فىنلاندىيە بىلەن بىللە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دوستلۇق ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىدىكى ئەڭ مۇھىم سەۋەبى، ئىككى دۆلەت باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم ئىشلىرىغا ئېتىبار بەرگەنلىكىدە. جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى بالدۇر باشلانغان، نەتىجىسى كۆپ، يوشۇرۇن كۈچى زور. يېقىندا ئېچىلغان جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى، بۇ جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ ھەمكارلىقى ھەمدە دۇنيا تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ، يېڭى پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: فىنلاندىيەنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە پائال قاتنىشىپ، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش، ئۇچۇر تېخنىكىسى، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقىل، يېڭى ئېنېرگىيە قاتارلىق گۈللەنمە كەسىپلەر ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشىنى قارشى ئالىمىز. جۇڭگو فىنلاندىيە بىلەن ئادىمىيەت ئالاقىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىشنى خالايدۇ، فىنلاندىيەنى ئۆز ئالدىغا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى، تېخىمۇ كۆپ فىنلاندىيەلىك دوستلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ سودا قىلىشى، ساياھەت قىلىشى، ئوقۇشىنى قارشى ئالىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيە تىنچلىقنى سۆيىدۇ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگو فىنلاندىيە بىلەن كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش، دۇنيانىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتى، سۈنئىي ئەقىلنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغداپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى، ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزىدىغان، سىغدۇرۇشچان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى، فىنلاندىيەنىڭ جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق ئىجابىي رول ئويناپ، جۇڭگو-فىنلاندىيە مۇناسىۋىتى، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ بىر-بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، تەڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
سىتۇب مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەن زۇڭتۇڭ بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىم، ئارىدىن 14 يىل ئۆتكەندىن كېيىن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. شۇنىڭدىن بۇيان دۇنيا ۋەزىيىتىدە ناھايىتى زور ئۆزگىرىش بولدى. جۇڭگو كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈردى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 74 يىلدىن بۇيان، فىنلاندىيە بىلەن جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، سەمىمىي مۇئامىلە قىلىپ، باراۋەر سۆھبەتلىشىپ كەلدى، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ياخشى تەرەققىي قىلىپ، ھەمكارلىق ساھەلىرى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. فىنلاندىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا قەتئىي چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە كېلەر يىلىدىكى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى ياخشى تەبرىكلەپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئىقتىساد-سودا، يېشىل ئېنېرگىيە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. فىنلاندىيە جۇڭگونىڭ خەلقئارا مۇناسىۋەتتە چوڭ-كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەر بولۇشىدا چىڭ تۇرغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادىكى تۈرلۈك دۇنياۋى خىرىسلارنى ھەل قىلىش جەھەتتە ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇسى ۋە ئىدىيەسىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئىشلاردىكى مۇھىم تەسىرى ۋە جارى قىلدۇرغان مۇقىملاشتۇرغۇچلۇق رولى ۋە ئىجابىي رولىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. ياۋروپا بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادى زىچ باغلانغان، «ئالاقىنى ئاجىزلاشتۇرۇش-ئۈزۈش»، «يېڭى سوغۇق ئۇرۇش» ھەر قانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ. فىنلاندىيە ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئاكتىپ رول ئويناشنى خالايدۇ.
ئىككى تەرەپ يەنە ئۇكرائىنا كىرىزىسى ۋە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە توقۇنۇشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ پىرىنسىپال مەيدانىنى شەرھلىدى، فىنلاندىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن تەڭ تىرىشىپ، كىرىزىسنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مائارىپ، سۇچىلىق، مۇھىت ئاسراش، ئايلانما ئىقتىساد، دېھقانچىلىق-يېمەكلىك مەھسۇلاتلىرى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا گۇۋاھ بولدى.
ئىككى تەرەپ «جۇڭگو بىلەن فىنلاندىيەنىڭ 2025-يىلىدىن 2029-يىلىغىچە بولغان كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن يېڭىچە ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرلەشمە خىزمەت پىلانى»نى ئېلان قىلدى.
شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا سىتۇب ۋە رەپىقىسى شەرىپىگە قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.
ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار