ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-01-22 14:47

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشتى.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئۆز ئارا يېڭى يىللىق تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈشتى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن جۇڭگونىڭ چاغىنى يېتىپ كېلىدۇ، كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋالىدىغان بۇ پەيتتە زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشكەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، يېڭى بىر يىلدا جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن. پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى يىل كىرىشى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن ۋىدېيولۇق پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن، رەئىس شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلەيمەن، ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن!

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2024-يىلى، بىز ئۈچ قېتىم ئۇچرىشىپ، نۇرغۇن مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى، مەڭگۈ ئىناق قوشنا ۋە دوست بولۇپ ئۆتۈش، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشنى مەنىۋى يادرو قىلغان جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇدى. جۇڭگو-رۇسىيە مەدەنىيەت يىلىدا سەر خىللىق نامايان بولدى، ئەمەلىي ھەمكارلىق مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى، ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى، ئىككى دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا زىچ ھەمكارلىشىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچكە ئىگە قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى بىر يىلدا، مەن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىدە ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىشقا داۋاملىق يېتەكچىلىك قىلىپ، جۇڭگو-رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقى ۋە قەتئىي تەۋرەنمەسلىكى بىلەن تاشقى مۇھىتنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداشنى خالايمەن. ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەققانىي مەنپەئەتىنى قوغدىشى؛ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. بۇ يىل جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى قوغداش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە بۇنى پۇرسەت بىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېما ۋە 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى بىرلىكتە قوغداپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىشىغا، ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىنغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىدا چىڭ تۇرۇشىغا، ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رۇسىيە ۋە باشقا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىش، تېخىمۇ مەسئۇلىيەتچان، ئۈنۈملۈك يېڭى باسقۇچقا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن رۇسىيە يەنە «چوڭ كېسەك ئالتۇن ھەمكارلىقى»نى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈشى كېرەك.

  پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگو باشتىن-ئاخىر بىر- بىرىگە ئىشىنىپ، بىر-بىرىنى قوللاپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن، خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدۇ. ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا، ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىدا ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلاپ، ئۆزئارا زىيارەت قىلىدىغان ساياھەتچىلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىۋاتقانلىقىنى، ئىككى تەرەپنىڭ كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا قويۇق ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم. رۇسىيە تەيۋەننىڭ جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسىمى ئىكەنلىكىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەر قانداق شەكىلدىكى«تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ. بۇنىڭدىن 80 يىل ئىلگىرى، رۇسىيە بىلەن جۇڭگو ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى بەدىلىگە تاجاۋۇزچىلارغا قارشى تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدىغان. بۇ يىل بىز دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى بىرلىكتە داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىلىرىنى قوغدىشىمىز كېرەك. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچ تەرەققىي قىلىشىدا پائال رول ئويناشنى خالايدۇ.

  ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى يەنە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، يېڭى بىر يىلدا ئىستراتېگىيەلىك پىكىر ئالماشتۇرۇشنى داۋاملىق ساقلاشقا قوشۇلدى.

  ۋاڭ يى پائالىيەتكە قاتناشتى.

  تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ رۇسىيە زۇڭتۇڭى بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشتى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 1-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن ۋىدېيولۇق كۆرۈشتى.