ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-02-19 10:39

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسنى توغرا تونۇشنى تەكىتلەپ، نۆۋەتتىكى ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ ساغلام تەرەققىياتى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. يىغىنغا قاتناشقان پۇقراۋى كارخانىچىلار ۋە ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى كىشى قەلبىنى ئىللىتىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش ۋە يول كۆرسىتىپ بەردى، پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ داۋاملىق كۈرەش قىلىش، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش ئىشەنچىسى كامىل دېدى.

پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش-پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىزچىل فاڭجېنى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدىكى ئاساسىي فاڭجېن-سىياسەتلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلدى، ئۇنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ ھەم ئۆزگەرمەيدۇ دەپ تەكىتلىدى. شياۋمى پەن-تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لېي جۈن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارنى چۈشىنىشى، كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە غەمخورلۇق قىلىشى مېنى بەك تەسىرلەندۈردى دېدى.

لېي جۈن مۇنداق دېدى: پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ ئىشەنچىسى ھەسسىلەپ ئاشتى، مېنىڭچە كۆپچىلىك ناھايىتى چوڭقۇر ھېسسىياتقا ئىگە بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۈگۈنكى كۈندە شۇنچە كۆپ قىيىنچىلىق ۋە مەسىلىلەرگە دۇچ كەلدۇق، باش شۇجى بىزگە نۇرغۇن تەكلىپلەرنى بەردى، پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ مەۋقەنى ئوقەتچىلىككە قارىتىپ، دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، كەسىپنى زورايتىشى ۋە كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلدى، مېنىڭچە بۇ نۇقتا بىز ئۈچۈن ناھايىتى زور ئىلھام.

خاڭجۇ يۈشۇ پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋاڭ شىڭشىڭ مەن يىغىنغا قاتناشقان كارخانىچىلار بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردۇم، كۆپچىلىكنىڭ كۆتۈرەڭگۈ روھىي ھالىتى مېنىمۇ تولۇپ تاشقان كۈرەش ئىرادىسىگە ئىگە قىلدى دېدى.

ۋاڭ شىڭشىڭ مۇنداق دېدى: مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغىنى يەنىلا نەق مەيداندىكى شۇنچە كۆپ كارخانىچى بولدى، ئەمەلىيەتتىمۇ بىزنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇش پۇرسىتىمىز ئاز، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە پىكىر ئالماشتۇرۇشمۇ ناھايىتى تەس، مېنىڭچە ھەر بىر ئادەمنىڭ روھىي ھالىتى ناھايىتى كۆتۈرەڭگۈ، كۈرەش ئىرادىسى ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەن، نەق مەيداندىكى بارلىق پۇقراۋى كارخانىچىلار باش شۇجى بەرگەن ئىلھامنى ھېس قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزى ئارقىلىق كىشى قەلبنى ئىللىتىپ، كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندەپ، «ئىككىدە قىلچە تەۋرەنمەسلىك»تە چىڭ تۇرۇشنىڭ كۈچلۈك سىگنالىنى ئېنىق چىقىرىپ، پۇقراۋى كارخانىچىلارنى يەنە بىر قېتىم خاتىرجەم قىلدى.

چى ئەنشىن پەن-تېخنىكا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى چى شياڭدۇڭ مۇنداق دېدى: مۇشۇنداق ھالقىلىق مەزگىلدە، باش شۇجى پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، بىزنى يەنە بىر قېتىم خاتىرجەم قىلىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى، مەن باش شۇجىنىڭ پۇقراۋى كارخانىچىلارغا، پۇقراۋى كارخانىلارغا بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

شىئەن لەنشياۋ پەن-تېخنىكا يېڭى ماتېرىيال پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى گاۋ يۆجىڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى سەمىمىي، ئەمەلىي بولدى ھەم مەسىلىنىڭ نېگىزىنى كۆرسىتىپ بەردى، نۆۋەتتە بىز دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ۋە كەلگۈسىدە ئېرىشىدىغان پۇرسەتنى ھەقىقىي كۆرسىتىپ بەردى، باش شۇجى پارتىيە مەركىزى كومىتېتى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىزچىل قوللايدۇ، بۇنىڭدا قىلچە تەۋرەنمەيدۇ دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى، بۇ نۇقتا بىزنى ئىلھاملاندۇردى، دەل باھار پەسلىدە، بىزگە ئىللىقلىق ھەم زور ئىشەنچ ئاتا قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن-ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر ۋە ئۇنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا قوشقان مۇھىم تۆھپىسىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىسنى توغرا تونۇشنى تەكىتلىدى.

خېيلۇڭجياڭ فېيخې سۈتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لېڭ يۇبىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى جۇڭگونىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، خەلقئارا رىقابەت، داڭلىق ماركىلارنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قىسىم مەسىلىلىرىگە قارىتا ناھايىتى مۇكەممەل ھەل قىلىش لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، تېخىمۇ ئەمەلىي، تېخىمۇ ھەقىقىي بولدى.

جېڭتەي گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى نەن سۈنخۇي مۇنداق دېدى: باش شۇجى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدا ساقلانغان بەزى قىيىنچىلىق ياكى مەسىلىلەرنى بەش قولدەك ئېنىق بىلىدىكەن، بىز بۇنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ناھايىتى ئىلھاملاندۇق، ھەقىقەتەن ھاياجانلاندۇق.

جۇڭگو ماكرو ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى خۇاڭ خەنچۈەن چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئېلىمىز پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىدا ناھايىتى ياخشى ئاساس جۇغلىدى، كەسىپ سىستېمىسىدىن ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەمدىكى پۈتۈن مەملىكەت بازىرىغىچە، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى پۇرسەت يارىتىپ بېرىلدى.

خۇاڭ خەنچۈەن مۇنداق دېدى: شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز يەنە سوتسىيالىزم تۈزۈمىمىزنىڭ ئەۋزەللىكى، بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللىشىۋاتقانلىقى، سوتسىيالىستىك قانۇنچىللىق سىستېمىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز تاكامۇللىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق، بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ناھايىتى ياخشى تۈزۈم ۋە قانۇنچىللىق مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى.

مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ خۇڭيەن مۇنداق دېدى: ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدە ئېچىلغان بۇ قېتىمقى پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنى تارىخىي ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىچىلار روھىنى ئۇرغۇتتى.

ۋاڭ خۇڭيەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يۆنىلىش كۆرسەتمىسى، باش شۇجى مۇھىم سۆزىدە، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مۇساپىسىدىكى ئورنى ۋە رولىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپلا قالماستىن، پۇقراۋى ئىگىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە زورايتىش ھەققىدىكى فاڭجېن-سىياسەتلەرنى يەنىمۇ تەكىتلىدى شۇنداقلا تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىغا ئىلمىي ھۆكۈم قىلىش ئاساسىدا، پۇقراۋى كارخانىچىلارغا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تىرىشىش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، نى-نى ئىشلارنى قىلالايدۇ، ھازىر پۇقراۋى كارخانىلار ۋە پۇقراۋى كارخانىچىلار ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىدىغان ئوبدان پەيت دەپ تەكىتلىدى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جېڭ بېي بۇ قېتىمقى يىغىن ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىشەنچنى چىڭىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دېدى.

جېڭ بېي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ھۆكۈمى ئاساسىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، تەرەققىيات ئىرادىسىنى كۈچەيتىپ، تەرەققىيات ئىشەنچىسىنى چىڭىتىشىغا جەزمەن كۈچلۈك تۈرتكە بولىدۇ، بولۇپمۇ باش شۇجىنىڭ كارخانىچىلارنىڭ قىيىنچىلىق ۋە خىرىسنى يېڭىش، تىرىشقاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدىغان كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى ساقلىشىغا ئىلھام بېرىشىنىڭ ئەھمىيىتى ئىنتايىن زور. كارخانىچىلار ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئىرادىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، جان-دىل بىلەن تەرەققىياتنى كۆزلەپ، قانۇنغا رىئايە قىلىپ، ماھىرلىق بىلەن تىجارەت قىلىپ، ئالدىن بېيىش ئارقىلىق ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەن بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، خەلق بىلەن تەڭ كۈرەش قىلسىلا، چوقۇم جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ زور تۆھپە قوشالايدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى