ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ گىرېتسىيەنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭىغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-03-14 10:41
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 13-كۈنى كونستانتىن تاسسولاسقا تېلېگرامما يوللاپ، ئۇنىڭ گىرېتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن گىرېتسىيە ئۇزاق تارىخقا ۋە شانلىق مەدەنىيەتكە ئىگە، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان، ئۆزئارا چۈشىنىشپ يېقىن ئۆتىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ تەڭ پايدا ئالىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلار. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپ پىرائېيۇس پورتى تۈرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش ھەمكارلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-گىرېتسىيە مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش مەركىزى، ئافېنا-جۇڭگو كىلاسسىك مەدەنىيلىك تەتقىقات يۇرتىنى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ، ئىككى قەدىمىي مەدەنىيلىكنىڭ ئىناق ھەمكارلىشىش گۈزەللىكى ۋە دەۋر مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىللىق ئۆزگىرىش تېزلىشىۋاتىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان، تەقدىرداش، ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىش دۇنياۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى. مەن جۇڭگو-گىرېتسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى ۋە مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ رىشتىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو-گىرېتسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە ئەقىل-پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇشنى خالايمەن. 


تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: ئەسقەر تۇرسۇن
 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ گىرېتسىيەنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭىغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى

شى جىنپىڭ گىرېتسىيەنىڭ يېڭى زۇڭتۇڭىغا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىدى