شى جىنپىڭ ۋىيېتنام تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-04-15 13:38
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خانويغا بېرىپ ۋىيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، 4-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋىيېتنام «خەلق گېزىتى»دە «بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، داۋاملىق يېڭى سەھىپە ئاچايلى» ماۋزۇلۇق ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ۋىيېتنام سوتسىيالىستىك دوست قوشنا دۆلەتلەر بولۇپ، ئورتاق غايە-ئېتىقاد ۋە كەڭ ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەتكە ئىگە. ئۆزلىرىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئۆزلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بۇرۇن ئورناتقان چوڭقۇر دوستلۇقى ئۈزلۈكسىز يۈكسەلدى. جۇڭگو-ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى روشەن قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىشتىن كەلدى، سىياسىي جەھەتتىكى چوڭقۇر ئۆزئارا ئىشىنىشتىن باشلاندى، مول ھەمكارلىق مۇنبەت ھەمكارلىق تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتتى، قويۇق ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە جۇڭگو-ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، رايون، ھەتتا دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە پايدىلىق بولۇپ، تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاسىيا يەر شارىنىڭ ھەمكارلىق، تەرەققىيات ئېگىزلىكى بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ، مىسلىسىز پۇرسەت ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو ئەتراپ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ سىجىللىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، كەڭ قورساق بولۇش ئىدىيەسى ۋە قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتۈش، قوشنىلارغا ھەمراھ بولۇش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاسىيانىڭ زامانىۋىلىشىش مۇساپىسىنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى، جۇڭگو ھازىر دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، ۋىيېتنام پات ئارىدا مىللىي تەرەققىياتنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، پارتىيە قۇرۇلغانلىقى، دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانىغا قاراپ قەدەم تاشلايدۇ. جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ۋيېتنامنى ئەتراپ دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى دەپ قارايدۇ. ۋىيېتنام بىلەن جۇڭگو-ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى قاتلام يېتەكچىلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىزم نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ ۋە ئۇنى بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇش بىلەن «ئىككى كارىدور، بىر چەمبىرەك» رامكىسىنى تۇتاشتۇرۇش ھەمكارلىق پىلانىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئىقتىساد، تېخنىكا ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىش، G5، سۈنئىي ئەقىل، يېشىل تەرەققىيات قاتارلىق گۈللەنمە ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك. ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەل قەلبىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇپ، بۇ يىل «جۇڭگو-ۋىيېتنام ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى» ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، قىزىل بايلىقنى چوڭقۇر قېزىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام دوستلۇقىنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئاسىيانىڭ گۈللىنىشى ۋە روناق تېپىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىنى قوغداپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداپ، يەر شارى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى، ئوچۇق، ھەمكارلىشىدىغان خەلقئارا مۇھىتنى قوغداپ، قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشۇش كېرەك. ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق تىزگىنلەپ، رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداپ، نەنخەي دېڭىزىنى ھەقىقىي تىنچلىق دېڭىزى، دوستلۇق دېڭىزى، ھەمكارلىق دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.
يېڭى تارىخىي باشلانمىدا، جۇڭگو ۋىيېتنام بىلەن بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو-ۋىيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق ئېچىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى