جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 110 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق قاتناپ، ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ «يېڭى سائەتلىك سۈرئىتى»نى ياراتتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-06-11 09:57
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تەڭ كېڭىشىش، تەڭ قۇرۇش، تەڭ بەھرىمەن بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ بىخەتەر يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
6-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەقلىي ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى بېسىلغان 75052-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ شەھىرىنىڭ جياۋجۇ ۋوگزالىدىن يولغا چىقتى، 17 كۈندىن كېيىن ياۋروپانىڭ مەركىزىي رايونىغا يېتىپ بېرىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن، قاتنىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 110 مىڭ قېتىمدىن، توشۇلغان مال قىممىتى 450 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئېشىپ، ئۇدا 61 ئاي يەككە ئايدا قاتناش سانى 1000 قېتىمدىن يۇقىرى بولدى.
«پولات-تۆمۈر يىپەك يولى» ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ «يېڭى سائەتلىك سۈرئىتى»نى ياراتتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش سانى مۇقىم ئاشتى، نۆۋەتتە ھەر ھەپتىدە 17 پويىز مۇقىم قاتنىدى، پۈتۈن مۇساپىدىكى يۈرۈش ۋاقتى ئادەتتىكى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىغا قارىغاندا ئوتتۇرىچە %30 تىن كۆپرەك قىسقاردى، يەككە يۈك ساندۇقىنىڭ مال قىممىتى ئوتتۇرىچە %41 ئاشتى. مۇلازىمەت تورى پۈتۈن ئاسىيا، ياۋروپانى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى. دۆلەتلىك تۆمۈريول گۇرۇھى يۈك تىرانسپورت بۆلۈمى كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ يەنبو مۇنداق دېدى: جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى 128 شەھەردە جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتناپ، ياۋروپادىكى 26 دۆلەتتىكى 229 شەھەر ۋە ئاسىيادىكى 11 دۆلەتتىكى 100 دىن ئارتۇق شەھەرنى قاپلىدى. ئالتە چوڭ چېگرا ئېغىزىنىڭ كۈندىلىك پويىز ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش ئىقتىدارى 184 كە يېتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىشىنى كېڭەيتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
نۆۋەتچى پويىزنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارى ۋە ئومۇمىي رىقابەت ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. توشۇلغان مال تۈرلىرى داۋاملىق كېڭىيىپ، ئەڭ دەسلەپكى كىيىم-كېچەك، ئاياغ، باش كىيىم قاتارلىق ئاز ساندىكى تۈرلەردىن 53 تۈر، 50 مىڭ خىلدىن ئارتۇق تاۋارغا كۆپەيدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتوموبىل ۋە ئۇنىڭ زاپچاسلىرى، ماشىنىسازلىق ئۈسكۈنىلىرى، ئېلېكتىرون-ئېلېكتىرو قاتارلىق قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ماللار ئاساسلىق ئېكسپورت مال مەنبەسىگە ئايلاندى، 2024-يىلى ئىگىلىگەن نىسبىتى ئېكسپورت ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %60 ىدىن ئېشىپ كەتتى. جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزدا يەنە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ھەم ئىستېمال تىپىدىكى لىتىيلىق باتارېيەنى تۆمۈريولدا توشۇشتىكى بىخەتەرلىك قىيىن مەسىلىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھەل قىلىنىپ، جۇڭگودا ياسالغان «ئۈچ يېڭى مەھسۇلات»نى خەلقئارا بازارغا يەتكۈزۈش مۇھىم يول بىلەن تەمىنلەندى. شەندۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك چىلۇ ناملىق ياۋروپا-ئاسىيا نۆۋەتچى پويىزى تىجارەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ما چۈنبو مۇنداق دېدى: بىز دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى چوڭ تەمىنات كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاش ئارقىلىق، زور مىقداردىكى «جۇڭگودا ياسالغان مەھسۇلاتلار»نى سىرتقا چىقىرىپ، چەتئەلنىڭ ئەلا سۈپەتلىك تاۋارلىرىنى كىرگۈزۈپ، ئىمپورت مال تۈرىنى ئەڭ دەسلەپكى يەككە تاختايدىن تەدرىجىي ئاشلىق، نېفىت كوكىسى، قەغەز بوتقىسى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق ماللارغا كېڭەيتتۇق.
جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزدا، ئەنئەنىۋى كۆپ مىقدارلىق ئەشيا ۋە كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى نۆۋەتچى پويىزى ئاساسىدا، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، يېمەكلىك سوغۇق زەنجىرى، خەلقئارا پوچتا تىرانسپورتى قاتارلىق ئالاھىدە نۆۋەتچى پويىزلاردا يېڭىلىق يارىتىلىپ، دەل، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەمىنات زەنجىرى بويىچە ھەل قىلىش لايىھەسى بىلەن تەمىنلەندى. جىنەن تۆمۈريولى ئەشيا ئوبوروت مەركىزى جياۋجۇ تىجارەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى گاۋ يىتيەن مۇنداق دېدى: بىز يەنە تۈرلۈك ئالاھىدە مەخسۇس پويىزلارنى پائال ئىشقا سېلىپ، تاشقى سودا كارخانىسىدىن 20 مىڭدىن ئارتۇققا مۇلازىمەت قىلدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بەزى نۇقتىلىق كارخانىلار ئۈچۈن تەمىنات زەنجىرى مەخسۇس پويىزىدىن 700 نەچچىنى ئىشقا سالدۇق.
مۇلازىمەتنىڭ قولاي بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزدا چېگرا سىرتىدىكى ئاساسلىق تۈگۈن شەھەرلەردە كەڭ كۆلەمدە يۈك ساندۇقى قايتۇرۇش نۇقتىسى تەسىس قىلىندى. 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، شىئەن.قازاقىستان پىرىستانى ئالمۇتادا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، پىرىستاننىڭ لايىھەدىكى يىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 115 مىڭ ئۆلچەملىك ساندۇق بولۇپ، 1.2 كىلومېتىرلىق تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسىگە ئىگە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە كاسپىي دېڭىزى بويىدىكى 10 نەچچە دۆلەتنى قاپلايدۇ. شىئەن چەنبا خەلقئارا پورتى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ يۈندۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پىرىستان ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، شىئەندىن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بارىدىغان تىرانسپورت ۋاقتى يەتتە كۈندىن بەش كۈنگە قىسقىرايدۇ. بىز رۇسىيەنىڭ موسكۋا، ئەزەربەيجاننىڭ باكۇ قاتارلىق جايلاردا مەيدان-ۋوگزاللارنى تېز قۇرۇپ، ۋېنگىرىيەنىڭ بۇداپېشت، بېلارۇسىيەنىڭ مىنسكى قاتارلىق جايلىرىدىكى مەيدان-ۋوگزال تۈرلىرىنى پائال پىلانلاپ، «تۈگۈندىن تۈگۈنگىچە» بولغان كۆپ نۇقتا بويىچە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز؛ «چەتئەل ئامبىرى + نۆۋەتچى پويىز» بويىچە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كەسىپلەشكەن، كۆلەملەشكەن، ئەقلىيلەشكەن چەتئەل ئامبىرى مۇلازىمەت تورىنى بەرپا قىلىمىز.
كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى داۋاملىق تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ بىخەتەر يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش، دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىگە كۈچ قوشۇش، خەلقئارا تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقى، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى قۇۋۋەت قوشىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تۆمۈريول، تاشيول ئارقىلىق بىۋاسىتە يەتكۈزۈش تىرانسپورتىنى تىرەك قىلغان ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەشيا ئوبوروت يېڭى يولىنى بەرپا قىلىدۇ.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار