«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىدىكى مۇقەررەر يول» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى
«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى 13-سانىدا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو خەلقىنىڭ تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىدىكى مۇقەررەر يول» ماۋزۇلۇق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى. بۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2016-يىلى 10-ئايدىن 2025-يىلى 4-ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى.
ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: كۈچ ئىتتىپاقلىقتىن كېلىدۇ، بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ. ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلالايدىغان مىللەتنىڭ ئىستىقبالى بولىدۇ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلالايدىغان پارتىيە يېڭىلمەس ئورۇندا تۇرالايدۇ. جۇڭگو خەلقى ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھىغا، ئۇلۇغ كۈرەش قىلىش روھىغا ئىگە خەلق. پارتىيە ۋە خەلق قولغا كەلتۈرگەن بارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشنىڭ نەتىجىسى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش جۇڭگو كومپارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ روشەن روھ بەلگىسى.
ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئېنىق كۈرەش نىشانىنى چۆرىدەپ شەكىللەنگەن ئىتتىپاقلىق ئەڭ مۇستەھكەم ئىتتىپاقلىق، يېقىندىن ئىتتىپاقلىشىشقا تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغان كۈرەش ئەڭ كۈچلۈك كۈرەش ھېسابلىنىدۇ. يېڭى مۇساپىدە بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تايىنىپ، قەلب ۋە كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. پۈتۈن خەلق ئورتاق قاتنىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئۇلۇغ ئىشلارنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش شەرت. ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئىشقا سېلىشقا بولىدىغان بارلىق ئاكتىپ ئامىللارنى ئىشقا سېلىپ، ئورتاق كۈرەش قىلىدىغان كۈچنى ئەڭ زور چەكتە مۇجەسسەملەش شەرت. بەخت كۈرەش قىلىشتىن كېلىدۇ، كۈرەش قىلىشنىڭ ئۆزى بىر بەخت. مىللەتنى گۈللەندۈرۈش بۇرچىنى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرۇش، كىشىلىك تۇرمۇش غايىسىنىڭ يەلكىنىنى كۈرەش قىلىش ئارقىلىق كۆتۈرۈش كېرەك.
ماقالىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ تارىخى ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىكى مۇقەررەر يول. بىز ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ شانلىق تارىخ ياراتتۇق، يەنە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا تايىنىپ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىشىمىز كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولسىلا، بىز چوقۇم ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى بارلىق قىيىنچىلىق، خىرىسلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتالايمىز.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: گۈزەلنۇر روزى