مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ ھەربىي ئالەم قاتنىشى قىسمى، تور بوشلۇقى قىسمى، ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى قىسمىنىڭ بايراق يۈزى نۇسخىسىنى ئېلان قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق ئىمزالىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن| يوللانغان ۋاقىت: 2025-08-01 13:40
مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا ھەربىي ئالەم قاتنىشى قىسمى، تور بوشلۇقى قىسمى، ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى قىسمىنىڭ بايراق يۈزى نۇسخىسىنى ئېلان قىلىش بۇيرۇقىنى ئىمزالىدى ھەمدە 1-ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كوماندىر-جەڭچىلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى، ئارمىيەدىكى مەمۇرىي خادىملار، زاپاس خادىملار ۋە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلىدى.
بۇ قېتىم ئېلان قىلىنغان قىسىم تۈرى بايراقلىرى 1- ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىقىنى ئاساس قىلىپ لايىھەلەنگەن بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ، خەلق ئارمىيەسىنىڭ باشتىن-ئاخىر يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلىك بىرلىككە كېلىپ، قەدەمنى بىردەك ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلىگەنلىكىنى گەۋدىلەندۈردى، بايراق يۈزى نۇسخىسىدا ئارمىيە تۈرى بايرىقىنى ئاستى-ئۈستى ئورۇنلاشتۇرۇش، ئالتۇن رەڭلىك بۆلۈش ئاساسىي ئەندىزىسى داۋاملاشتۇرۇلدى، مۇناسىپ قىسىم تۈرى ساھەسى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە نۇسخا، رەڭ تاللاپ ئىشلىتىلىپ، ئىستراتېگىيەلىك قىسىم تۈرلىرىنىڭ تەۋەلىك ئورنى كۈچەپ كۈچەيتىلىپ، قىسىمنىڭ شان-شەرەپ تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى ئۇرغۇتىلدى. قىسىم تۈرى ئارمىيە بايرىقىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئارمىيەمىزنىڭ 1- ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىقى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى، ھاۋا ئارمىيەسى، راكېتا ئارمىيەسى بايرىقى، ھەربىي ئالەم قاتنىشى قىسمى، تور بوشلۇقى قىسمى، ئۇچۇر ياردەمچى قىسمى، بىرلەشمە ئارقا سەپ كاپالىتى قىسمى بايرىقىدىن تەركىب تاپقان يېڭى دەۋردىكى خەلق ئارمىيەسى ئارمىيە بايرىقى سىستېمىسىنىڭ بەرپا قىلىنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ كوماندىر-جەڭچىلەرنى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، ئارمىيە بايرىقىغا يېڭى شەرەپ قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، ئىلھاملاندۇرىدۇ. قىسىم تۈرى ئارمىيە بايرىقى 2025-يىلى 8-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ئىشلىتىلىدۇ.
ئارمىيە بايرىقى سىستېمىسىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا ماسلىشىش ئۈچۈن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يەنە «ئارمىيە بايرىقىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارنى ئېلان قىلىپ، ئارمىيە بايرىقى تۈرلىرىنىڭ شەكىللىنىشى، ئىشلىتىلىدىغان ۋاقىت، سورۇن قاتارلىقلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ئارمىيە بايرىقىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئارمىيە بايرىقىنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغداشنى قانۇنچىللىق كاپالىتىگە ئىگە قىلدى.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مۇھەممەت









