ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شى جىنپىڭ بېنگال زۇڭتۇڭى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلدوس ياسىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2025-10-05 09:56
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 10-ئاينىڭ 4-كۈنى بېنگال زۇڭتۇڭى چۇپۇ بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، جۇڭگو بىلەن بېنگال دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بېنگال ئەنئەنىۋى دوست قوشنىلار، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان يېرىم ئەسىردىن بۇيان، خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى ئاساسىدا دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن بېنگالنىڭ سىياسىيدىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى داۋاملىق مۇستەھكەملەندى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇش ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەن جۇڭگو-بېنگال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ چۇپۇ بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزۈش ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.
چۇپۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆتكەن 50 يىلدىن بۇيان، بېنگال بىلەن جۇڭگو ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۇزاق مۇددەت ھەمكارلىشىش ئاساسىدا، چوڭقۇر دوستلۇقنى بىرلىكتە ئورنىتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي، ئەمەلىي بەخت ئېلىپ كەلدى. بېنگال جۇڭگونىڭ رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئورتاق گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوينىغان مۇھىم رولىغا يۈكسەك ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان بېنگالنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئىشلىرىنى قىممەتلىك قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ. مەن ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ جەزمەن تېخىمۇ  مول، ئۈنۈملۈك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېنگال ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ باش مەسلىھەتچىسى يۇنۇس بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى. لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو جۇڭگو-بېنگال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، بېنگال بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى پۇرسەت بىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇش ۋە ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگو-بېنگال ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
يۇنۇس مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېنگال بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 50 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى مۇقىم راۋاجلىنىپ، ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنى تەبرىكلەشكە ئەرزىيدۇ. بېنگال بېنگال-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ئۈزلۈكسىز تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە كۈچ چىقىرىدۇ.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شى جىنپىڭ بېنگال زۇڭتۇڭى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى

شى جىنپىڭ بېنگال زۇڭتۇڭى بىلەن تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى