شى جىنپىڭنىڭ «جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى» ھەققىدىكى ئىزاھاتى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «<جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق ئىگىلىكى تەرەققىياتى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ 15-بەش يىللىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپى> ھەققىدىكى ئىزاھاتى» 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلان قىلىندى. بۇ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسىگە بىنائەن، جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا «تەكلىپ»نى تەييارلاشقا ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدا ئومۇمىي يىغىنغا بەرگەن ئىزاھاتى.
شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن تەكلىپ ئارگىنالىنى تەييارلاش جەريانى ھەققىدە ئىزاھات بەردى.
بۇ يىل 1-ئايدا، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا «15-بەش يىللىق» يىرىك پىلان تەكلىپىگە قاراپ چىقىش، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى قۇرۇش، يولداش شى جىنپىڭ گۇرۇپپا باشلىقى، لى چياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ مۇئاۋىن گۇرۇپپا باشلىقى بولۇش، ئالاقىدار تارماقلار ۋە يەرلىكتىكى مەسئۇل يولداشلار قاتنىشىش، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە «تەكلىپ» ئارگىنالىنى تەييارلاش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى قارار قىلدى. 2-ئاينىڭ 11-كۈنى، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى 1-قېتىملىق ئومۇمىي يىغىن ئېچىپ، «تەكلىپ» ئارگىنالىنى تەييارلاش خىزمىتىنى رەسمىي باشلىدى.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇش، كۆپنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى ئىشقا سېلىشنى ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەردىن كەڭ دائىرىدە پىكىر ئالدى. 1-ئاينىڭ 22-كۈنى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا 15-بەش يىللىق يىرىك پىلان تەكلىپىنى مۇزاكىرە قىلىش ھەققىدە پىكىر ئېلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، پارتىيە ئىچى-سىرتىدىن بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئالدى. 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئالتە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، 12 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرگە مەخسۇس تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر قىسىم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنى 35 تۈرلۈك نۇقتىلىق تېما تەتقىقاتى ئېلىپ بېرىشقا ئورۇنلاشتۇردى. 4-ئاينىڭ 30-كۈنى، يولداش شى جىنپىڭ شاڭخەيدە قىسمەن ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ «15-بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئارقىدىن، يولداش لى چياڭغا ئىقتىساد ساھەسى، پەن-تېخنىكا ساھەسى، ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى سۆھبەت يىغىنىدىن ئىبارەت ئۈچ قېتىملىق سۆھبەت يىغىنى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئېچىشنى ھاۋالە قىلدى. بىز يەنە توردا پىكىر ئېلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، 3 مىليوندىن ئارتۇق سۆزنى تاپشۇرۇۋالدۇق، ئالاقىدار تەرەپلەر بۇنىڭدىن 1500 دىن ئارتۇق تەكلىپنى رەتلەپ چىقتى.
«تەكلىپ» ئارگىنالى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى پارتىيە ئىچىگە چۈشۈرۈلۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى پېشقەدەم يولداشلاردىن پىكىر ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا بەلگىلىك دائىرىدە پىكىر ئېلىندى، يەنە دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزى كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرىنىڭ پىكرى مەخسۇس ئاڭلاپ ئۆتۈلدى. ھەر قايسى تەرەپلەر نۇرغۇن ياخشى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى بىرمۇ-بىر تەھلىل قىلىپ، قوبۇل قىلغىلى بولىدىغانلىرىنى ئىمكانقەدەر قوبۇل قىلىپ، «تەكلىپ» ئارگىنالىدا 218 جايدىكى يېزىقنى كۆپەيتتى، ئۆزگەرتتى ۋە ئىخچاملىدى، بۇ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ 452 پىكىر ۋە تەكلىپىنى قاپلىدى.
«تەكلىپ» ئارگىنالىنى تەييارلاش مەزگىلىدە، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئۈچ قېتىم، مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ قاراپ چىقىپ ۋە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان «تەكلىپ» ئارگىنالىنى شەكىللەندۈردى.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ قېتىمقى ھۆججەت تەييارلاش خىزمىتى پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيە ۋە پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ يەنە بىر قېتىملىق جانلىق ئەمەلىيىتى بولدى.
شى جىنپىڭ ئىزاھاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تەكلىپ» ئارگىنالىنى تەييارلاشتا، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشتىكى «ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، «15-بەش يىل» مەزگىلىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدىكى مۇھىم ئورنىنى توغرا ئىگىلەپ، ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەتنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق پىلانلاش ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئومۇمىي جەھەتتىن ئويلىشىلغان.
«تەكلىپ» ئارگىنالىنى تەييارلاش جەريانىدا، بىز تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىنى ئىگىلەشكە ئەھمىيەت بەردۇق. بىرىنچى، نىشان يۆنىلىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەۋقەنى ئاساسنى پۇختىلاش، ئومۇميۈزلۈك كۈچەشتىن ئىبارەت ئاساسىي ئورۇنغا قارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش نىشانىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ پۇختا ئاساس سېلىشنى كۆزلەش نۇقتىسى قىلغان ھالدا سىستېمىلىق پىلانلاپ، دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشكە كۈچلۈك، تەرتىپلىك، ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتى ۋە تەرەققىياتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەش نۇقتىسى قىلغان ھالدا كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاش، ئاجىز تەرەپلەرنى كۈچەيتىش. ئىككىنچى، سىستېما تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈش تەلىپىگە ئاساسەن، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەر قايسى تەرەپلىرىدىكى خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش. ئۈچىنچى، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات چارىسىدىن پايدىلىنىپ تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇش، ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش. تۆتىنچى، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەم تەرەققىياتنى ئۆز كۈچىمىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىغا قويۇش، ھەم دۇنياۋى ئامىل ۋە بازار بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلىتىش.
«تەكلىپ» ئارگىنالى 15 قىسىمدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئۈچ چوڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن. بىرىنچى بۆلەك بىرىنچى، ئىككىنچى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ ئومۇمىي بايان بولۇپ، ئاساسلىقى «14-بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر، «15-بەش يىل» مەزگىلىنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتىكى مۇھىم ئورنى، «15-بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇھىتى دۇچ كېلىدىغان چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىشلەر، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسى، ئەمەل قىلىدىغان پىرىنسىپى ۋە ئاساسىي نىشانى قاتارلىق مەزمۇنلارنى ئۆز ئىگە ئالىدۇ. 2-بۆلەك 3-قىسىمدىن 14-قىسىمغىچە بولغان 12 قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇ خاس بايان بولۇپ، ئاساسلىقى ئومۇمىيەت ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى نىشانلاش، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ۋە زور تەدبىرلەرنى ساھەلەر بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، كەسىپ تەرەققىياتى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىچكى بازار، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە، سىرتقا ئېچىۋېتىش، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، رايونلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش، يېشىل تەرەققىيات، بىخەتەر تەرەققىيات، دۆلەت مۇداپىئە قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى پىكىر يولى ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 3-بۆلەك 15-قىسىم ۋە خاتىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن خىزمىتى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاش قاتارلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
شى جىنپىڭ بىر قانچە نۇقتىلىق مەسىلە توغرىسىدا ئىزاھات بەردى.
بىرىنچى، «15-بەش يىل» مەزگىلىنىڭ مۇھىم ئورنى توغرىسىدا. «تەكلىپ» ئارگىنالىدا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: «15-بەش يىل» مەزگىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئاچىدىغان مۇھىم ئورۇنغا ئىگە، بۇ، «15-بەش يىل» مەزگىلىدە ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىك تارىخىي ۋەزىپىگە ئاساسەن چىقىرىلغان ھۆكۈم. «15-بەش يىل» مەزگىلى ئاساسنى پۇختىلاش، ئومۇميۈزلۈك كۈچەشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، «15-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ياخشى تۈزگەندە ۋە يولغا قويغاندا، 2035-يىلى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇشقا تېخىمۇ پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
«تەكلىپ» ئارگىنالىدا مۇشۇ ئاساسىي ئورۇن چىقىش قىلىنغان ھالدا «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەرەققىيات پىلانلىنىپ، ھەم «14-بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدىيە ۋە پىكىر يولى بىلەن ئىزچىللىق ساقلاندى، ھەم دۆلىتىمىزنىڭ كەلگۈسى بەش يىللىق تەرەققىيات ۋەزىيىتى توغرا ئىگىلىنىپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن، ئالدىن كۆرەرلىككە ئىگە ئومۇمىي پىكىر يولى، زور پىرىنسىپ، ئاساسىي نىشان، ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئىككىنچى، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانى توغرىسىدا. «تەكلىپ» ئارگىنالىدا «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاساسىي ئورۇن ۋە باسقۇچلۇق تەلەپ ئىگىلىنىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
«تەكلىپ» ئارگىنالىنىڭ ماكرولۇق يېتەكچىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى گەۋدىلەندۈرۈش ۋە جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئىلگىرىكى ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ، «تەكلىپ» ئارگىنالىدا «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىدا ئاساسلىقى خاراكتېرىنى بېكىتىش تەلىپى، زۆرۈر مىقدار تەلىپى ۋە بەزى كونكرېت خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى «پىروگرامما»نى تۈزگەن ۋە پىلانلىغاندا مۇزاكىرە قىلىپ بېكىتىشكە قالدۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ئۈچىنچى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى باش تېما قىلىش توغرىسىدا. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئەڭ مۇھىمى يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن-تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنپ قۇدرەت تېپىشنى تېزلىتىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال راۋاجلاندۇرۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، يېڭى قۇۋۋەت يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىش، ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ماھىيەتلىك، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش.
تۆتىنچى، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىش، ئىچكى-تاشقى قوش ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش توغرىسىدا. نۆۋەتتە ۋە بۇندىن كېيىنكى بىر مەزگىلدە، ئىچكى چوڭ ئايلىنىشنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كۈچلۈك ئىچكى ئىقتىسادىي ئايلىنىش سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئىچكى ئايلىنىشنىڭ مۇقىملىقى ئارقىلىق تاشقى ئايلىنىشنىڭ ئېنىقسىزلىقىنى تۈگىتىش.
بەشىنچى، ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىشتا پۇختا قەدەم تاشلاش توغرىسىدا. «تەكلىپ» ئارگىنالىنىڭ يېتەكچى ئىدىيەسىدە ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىدا پۇختا قەدەم تاشلاش گەۋدىلىك تەكىتلەندى، بۇ، «15-بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي تەلەپ.
ئالتىنچى، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاش توغرىسىدا. «تەكلىپ» ئارگىنالىدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش چۆرىدىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى خەۋپسىزلىكنى ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتىش چۆرىدىلىپ، ئىلغار جەڭگىۋارلىق قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھەربىي ئىشلارنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت ئىستراتېگىيە سىستېمىسى ۋە ئىقتىدارىنى مۇستەھكەملەش ۋە ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يەتتىنچى، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا. «تەكلىپ» ئارگىنالىدا پارتىيەنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتقا رەھبەرلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى، ئىرادىنى، ھەرىكەتنى داۋاملىق بىرلىككە كەلتۈرۈش؛ ئادەم ئىشلىتىشنىڭ توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنى تەكشۈرۈش، باھالاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي بوشاشماي ئەمەلىيلەشتۈرۈش؛ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان جەڭ، ئومۇمىي جەڭنى قەتئىي ياخشى قىلىش تەكىتلەندى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









