ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چاغاننى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-02-15 10:03

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چاغاننى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى، شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەتئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى، لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتناشتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 14-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2026-يىللىق چاغاننى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ سۆز قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقى، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىدىكى قېرىنداشلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋە چەتئەللەردىكى چياۋمىن قېرىنداشلارنىڭ چاغىنىنى مۇبارەكلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا تۇرغان يىلان يىلى تولىمۇ ئۆزگىچە بىر يىل بولدى. مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان خەلقئارا ۋە ئىچكى ۋەزىيەت ئالدىدا، بىز قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ئالغا بېسىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسلىق نىشان-ۋەزىپىلىرىنى ئوڭۇشلۇق تاماملىدۇق، «14-بەش يىل»نى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى، دۆلەت مۇداپىئە ئەمەلىي كۈچى، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى پۇختا قەدەم تاشلىدۇق.
لى چياڭ كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتىگە رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ قاتارلىقلار قاتناشتى.
خەلق سارىيىنىڭ زىياپەت زالىدا چىراغلار چاقناپ، شاد-خۇرام كەيپىياتقا چۆمگەن ئىدى، ھەر ساھە ئەربابلىرىدىن بولۇپ 2000 دىن ئارتۇق كىشى بىر يەرگە جەم بولۇپ، چاغاننى بىرلىكتە كۈتۈۋالدى، نەق مەيدان شادىيانە، ئىناق بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت ئونلاردا، شادىيانە مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى زالغا كىرىپ، كۆپچىلىككە سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈردى، كۆپچىلىك بىلەن ئۆزئارا ئەھۋال سورىشىپ، چاغاننى مۇبارەكلىدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ياڭرىدى.
شى جىنپىڭ سۆزىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بىر يىلدىن بۇيان، بىز تېخىمۇ ئاكتىپ، ئۈنۈملۈك ماكرولۇق سىياسەتنى يولغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردۇق، دۆلىتىمىز ئىقتىسادى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىققا، ئەلالىققا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، كۈچلۈك ئەۋرىشىملىكى ۋە ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. سوتسىيالىستىك دېموكراتىك قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك ئىشلارنى ئۆزئارا ئىلگىرى سۈردۇق. خەلق تۇرمۇشىنى كۈچەپ كاپالەتلەندۈرۈپ ۋە ياخشىلاپ، ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدۇق. بىز پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىنى غەلىبىلىك ئېچىپ، «15-بەش يىللىق» تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقتۇق. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىدۇق، تەيۋەن قايتۇرۇۋېلىنغانلىقى خاتىرە كۈنىنى تەسىس قىلدۇق، شىزاڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلىدۇق، گۇاڭدۇڭ، شياڭگاڭ، ئاۋمېندا 15-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى يەنىمۇ مۇجەسسەملىدۇق. بىز دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنى، دۇنيا ئاياللار باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزگىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىق ۋە ئاكتىپ كۈچ قوشتۇق. بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزنىڭ سەككىز بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە ئۆگىنىش-تەربىيەنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ئىجتىمائىي كەيپىياتنى سىجىل ياخشىلىدۇق.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بىر يىلدىن بۇيان مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىنىڭ نەتىجىسى. مۇۋەپپەقىيەتلەر كىشىنى ئىلھاملاندۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ئىشەنچىنى ئاشۇردى. ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، ھەر بىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، باسقۇچمۇ-باسقۇچ پۇختا ئىلگىرى سۈرسەكلا، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا چوقۇم ئۈزلۈكسىز كىچىك غەلىبىلەر ئارقىلىق چوڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز، بىزنىڭ نىشانىمىز چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2026-يىلى-جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، «15-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى. بىز يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، 4-ئومۇمىي يىغىننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، جەمئىيەت ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل ئىلگىرى سۈرۈپ، «15-بەش يىل»نى تىرىشىپ ياخشى باشلىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەمىز خەلق ئۈچۈن قۇرۇلۇپ، خەلققە تايىنىپ گۈللەنگەن، بارلىق خىزمەتلەردە خەلقنىڭ بەختىنى چىقىش قىلغان. بىز خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە باشتىن ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، توغرا نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەمەلىيەتنىڭ، خەلقنىڭ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجىلەرنى يارىتىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭخۇا مەدەنىيىتىدە، ئات قەيسەرلىك، جەڭگىۋارلىق، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ سىمۋولى بولۇپ، ئۇزاققىچە مۇقىم ئىلگىرىلەش، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشنىڭ ئىستىقبالىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئات يىلىدا، مەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، جەزمەن غەلىبە قىلىش ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىسىنى ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى بىرلىكتە يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى نەق مەيداندا ئېسىل نومۇرلارنى ئورۇنلىدى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىرى ۋە پېشقەدەم يولداشلار كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.
كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقانلاردىن يەنە مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرى ھەم بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز ئەربابلار ۋەكىللىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان پېشقەدەم يولداشلار ۋەكىللىرى، داڭلىق مۇتەخەسسىس، ئالىملار ھەم پايتەختتىكى ھەر ساھە ئەربابلار ۋەكىللىرى بار.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن چاغاننى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن 14-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا 2026-يىللىق چاغاننى كوللېكتىپ مۇبارەكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.