«شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتاب نەشىر قىلىنىپ تارقىتىلدى
شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشكە دائىر سوئال-جاۋابلار» ناملىق كىتاب خەلق نەشرىياتى، ئۆگىنىش نەشرىياتى تەرىپىدىن بىرلىكتە نەشىر قىلىندى، نەشىر قىلىنغان كۈندىن تارتىپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.
«سوئال-جاۋاب»تا، يېڭى دەۋردىكى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ئەمەلىيىتىنىڭ تەرەققىيات قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىلىپ، دىققەت نەزەرىيە جەھەتتىكى قىزىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇلۇپ، سوئال-جاۋاب شەكلى ئارقىلىق، شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ زور ئەھمىيىتى، ئىلمىي سىستېمىسى، يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، مول ئىچكى مەزمۇنى ۋە ئەمەلىي تەلىپى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق، چوڭقۇر، چۈشىنىشلىك گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ يېڭىلىق يارىتىش نەزەرىيەسىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆگىنىشى، ئۆزلەشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇنى ئاڭلىق ھالدا مېڭىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا قوللىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. «سوئال-جاۋاب» جەمئىي 14 بۆلەك، 50 سوئالغا بۆلۈنگەن، مەزمۇنى مول، شەكلى يېڭى، سۈرەت بىلەن يېزىق بىرلەشتۈرۈلگەن، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشىدىكى مۇھىم قوشۇمچە ئوقۇشلۇق.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









