ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى مۇجەسسەملەنمەكتە

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-04-05 10:21

چىڭمىڭدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەت ئۇرغۇتۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىز قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش-ئىزلىرىنى مەڭگۈ ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ قەھرىمانلىق روھىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك دەپ كۆرسەتتى. چىڭمىڭ مەزگىلىدە، كىشىلەر مىللەتنىڭ مۇستەقىللىقى، خەلقنىڭ ئازادلىقى ۋە دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى ئۈچۈن گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان، ھەتتا قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنى تېخىمۇ ياد ئەتتى. قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ روھى مەڭگۈ ئۆچمەيدىغان مەشئەلگە ئوخشاش، مىليونلىغان خەلقنى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنى ياد ئېتىش داۋامىدا دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە ئىلھاملاندۇردى.
بۇ يىل چىڭمىڭ مەزگىلىدە، كىشىلەر شاڭخەيدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايدىن جياشىڭنىڭ نەنخۇدىكى قىزىل كېمىگىچە، قىزىل ئىزلارنى ئىزدەپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. بۇ يىل قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى، شياڭجياڭ ئۇرۇشى خاتىرە ئورنىدىن قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەردە ئۇچراشقان جايغىچە، بىر قاتار ئۇزۇن سەپەر خاتىرە ئورۇنلىرى، ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە ئابىدىلىرى ئالدىدا، كىشىلەر ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، قەھرىمانلىق روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلىگەندىلا ئاندىن قەھرىمانلار بارلىققا كېلىدۇ، قەھرىمان بولۇشقا تىرىشقاندىلا ئاندىن قەھرىمانلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا كېلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ  دەۋرنىڭ قانداق ئۆزگىرىشىدىن قەتئىينەزەر، دۆلەت، مىللەت، تىنچلىق ئۈچۈن قىممەتلىك ھاياتىنى تەقدىم قىلغان بارلىق كىشىلەرنىڭ بەرگەن قۇربانلىقلىرى ۋە تۆھپىسىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلىشىمىز كېرەك دەپ كۆرسەتتى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى ئۆزى يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۆزى ئۈلگە بولۇپ، جياڭشىنىڭ يۈدۇدىكى قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەر ئۈچۈن يىغىلىپ يولغا چىققان جايدىن خېنەننىڭ شىنشيەندىكى خۇبېي-خېنەن-ئەنخۇي سوۋېت رايونى مەركىزى ئىنقىلابىي مۇزېيىغىچە، گەنسۇنىڭ گاۋتەيدىكى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خاتىرە مۇنارىدىن بېيجىڭنىڭ شياڭشەندىكى ئىنقىلابىي خاتىرە ئورنىغىچە، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش ئىزلىرىنى پايانسىز جۇڭگو زېمىنىدا قالدۇردى. ھەر قېتىملىق چوڭقۇر نەزەر باش شۇجىنىڭ قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا بولغان چوڭقۇر ياد ئېتىشى ۋە چەكسىز سېغىنىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنى قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەش، قەھرىمانلاردىن ئۆگىنىش، قەھرىمان بولۇشقا تىرىشىش قويۇق كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە يېتەكلىدى.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى بۈگۈنكى زامان جۇڭگو تەتقىقاتخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى سۇڭ يۆخۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنى تەقدىرلەش سىياسەت-تۈزۈم سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۆھپە قوشقان، شەرەپ قۇچقانلارنى تەقدىرلەش تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قەھرىمانلارنىڭ كوئوردىناتى ۋە مەنىۋى ئابىدىسىنى پۇختا تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى قەھرىمانلىق روھىنى دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىغا ئاتلىنىشتىكى ئاڭلىق ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشقا ئىلھاملاندۇردى.
«ئۈمىدلىك مىللەتنىڭ قەھرىمانى بولمىسا بولمايدۇ، ئىستىقباللىق دۆلەتنىڭ ئاۋانگارتى بولمىسا بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە تۈرتكىسىدە، دۆلىتىمىز قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنى تەقدىرلەش سىياسەت-تۈزۈم سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش ئارقىلىق جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسى خاتىرە كۈنى، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش كۈنى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، دۆلەت نامى بىلەن دۆلەت قەھرىمانلىرىنىڭ روھىغا تەزىيە بىلدۈردى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرەپ نامى قانۇنى»نى ئېلان قىلىپ، پارتىيە ئىچى، دۆلەت ۋە ئارمىيەنىڭ تۆھپە قوشقان، شەرەپ قۇچقانلارنى تەقدىرلەش نىزامىنى ئايرىم-ئايرىم تۈزۈپ، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە تۆھپە قوشقان، شەرەپ قۇچقانلارنى تەقدىرلەش تۈزۈم سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، تۆھپە قوشقانلارنى ئالىي ھۆرمەت بىلەن تەقدىرلىدى.
ھازىرغىچە، دۆلىتىمىزدە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى مەخسۇس قوغداش ئاپپاراتىدىن 1600 دىن كۆپرەكى، مەملىكەت بويىچە ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەسىدىن 160 مىڭى بار بولۇپ، كىشىلەر قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ قەھرىمانلىق روھىنى ئەۋج ئالدۇرىدىغان، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى بازىسىغا ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۆلەت يەنە دىپلوماتىيە يولى ئارقىلىق، 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندا ساقلىنىپ قالغان 300 دىن ئارتۇق چېگرا سىرتى قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەسىنى مۇۋاپىق قوغدىدى. 2014-يىلىدىن باشلاپ، دۆلىتىمىز ئۇدا 12 يىل كورىيەدىكى پىدائىيلار ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ جەسەت سۆڭىكىنى ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كەلدى، پىدائىيلار ئارمىيەسىدىكى مىڭدىن ئارتۇق ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ساداقەتمەنلىك روھى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىنىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىغا تەسەللى بېرىلدى.
ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ، كەلگۈسىنى يارىتىش كېرەك. «15-بەش يىل» باشلانغاندا، ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كۈرەش قىلغۇچىلار ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، قەيسەرلىك بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى جاسارەت بىلەن ياخشى يەتكۈزدى.
سىچۈەن-شىزاڭ تۆمۈر يولىدىن بەيخېتەن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىغىچە، شېنجىن-جۇڭشەن يولىدىن شيۇڭئەن يېڭى رايونىغىچە، سانسىزلىغان قۇرۇلۇشچىلار زور قۇرۇلۇش ۋە نۇقتىلىق تۈرلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەستايىدىل ئەمەلىي ئىشلەپ، تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، «15-بەش يىل»نى ياخشى باشلاپ، قەدەمنى ياخشى ئالدى. پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىدا، ياش پەن-تېخنىكا خىزمەتچىلىرى خۇاڭ دانيەن، نەن رېندۇڭ قاتارلىق ئالىملارنىڭ كۈرەش ئىزىنى بويلاپ، ھالقىلىق تېخنىكا قىيىن مەسىلىلىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى؛ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە، مىليونلىغان ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەر ئىنقىلابىي قۇربان خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، قان-تەرى بىلەن ئۈمىد ئۇرۇقىنى سۇغاردى.
گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونى بەيسې شەھىرى لېيې ناھىيەسى بەينى كەنتىدە تۇرۇشلۇق بىرىنچى شۇجى چېن خۇڭرېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىۋاتقان كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خۇاڭ ۋېنشيۇنىڭ ئاساسىي قاتلامدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىش، ئامما بىلەن قەلبداش بولۇش، خالىس تۆھپە قوشۇش روھىدىن ئۆگىنىپ، ئەسلىي مەقسەتنى ھەرىكىتىمىزدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق يۇرتداشلارنى كىرىمنى ئاشۇرۇپ بېيىشقا يېتەكلەيمىز.
جياڭشى ئۆلكىسى يۈدۇ ناھىيەلىك مائارىپ-تەنتەربىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى لياڭ جيەنچۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى، ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنىڭ 90 يىللىقى شۇنداقلا «15-بەش يىل»نىڭ باشلىنىش يىلى، بىز چوقۇم ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قۇربان بېرىش ئۇلۇغ غايىسىنى ئۇنتۇماي، يېڭى مۇساپىدە تارىخنىڭ كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ياخشى يەتكۈزىمىز.
شىزاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىسمىدىكى بيەن چېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چىڭمىڭ مەزگىلىدە قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنى ياد ئېتىش ئارقىلىق، بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەندۇق. چېگرا مۇداپىئە ئەسكىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىرادىسىگە چوقۇم ياخشى ۋارىسلىق قىلىپ، «چوڭقۇر مۇھەببىتىمىز پەقەت جۇڭگو ئۈچۈن» دېگەن قاراشنى قەلبىمدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكى، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى سادىقلىق ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن قوغدايمەن.
ھەر بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئۇزۇن سەپىرى بولىدۇ، ھەر بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ ئۆزلىرىگە خاس مەسئۇلىيىتى بولىدۇ. يېڭى مۇساپىدە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مىليونلىغان خەلق قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەپ، ئەخلاقلىق ۋە قابىلىيەتلىك كىشىلەردىن ئۆگىنىپ، غەيرەت-شىجائەتكە تولۇپ، بوشاشماي ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىمەكتە.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچى مۇجەسسەملەنمەكتە

چىڭمىڭدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈلدى، تاغنى تالقان، چۆلنى بوستان قىلىدىغان شىجائەت ئۇرغۇتۇلدى.