باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو گومىنداڭىنىڭ رەئىسى جېڭ لىۋېن بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەئىس جېڭ لىۋېن باشچىلىقىدىكى جۇڭگو گومىنداڭى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشكەندە قىلغان مۇھىم سۆزى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، مۇھىم كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلەپ، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ 4-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا رەئىس جېڭ لىۋېن باشچىلىقىدىكى جۇڭگو گومىنداڭى زىيارەت ئۆمىكىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتى ۋە يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىنى كۆزدە تۇتۇپ، «توغرا قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق قەلب رىشتىنى باغلاشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، تىنچ تەرەققىيات ئارقىلىق ئورتاق ماكاننى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇش ئارقىلىق خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش»تىن ئىبارەت مۇھىم باياننى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىپ، مۇھىم كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى.
كۆرۈشۈشتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچ، خاتىرجەم بولۇشىنى، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشىلىنىپ راۋاجلىنىشىنى، تۇرمۇشىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، بۇ، گومىنداڭ بىلەن كومپارتىيەنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتى شۇنداقلا بىرلىكتە ھەمكارلىشىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى. دۇنيادا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىشنىڭ سۈرئىتى تېز بولۇۋاتىدۇ، لېكىن خەلقئارا ۋەزىيەت، تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىش، يۈكسىلىشىدىن ئىبارەت چوڭ يۆنىلىش ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت چوڭ يۈزلىنىش ئۆزگەرمەيدۇ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار يېقىنلىشىپ ۋە يېقىن ئۆتۈپ، بىر يەرگە كېلىش چوڭ ئېقىمى ئۆزگەرمەيدۇ. بۇ تارىخىي مۇقەررەرلىك، بىزنىڭ بۇنىڭغا بولغان ئىشەنچىمىز كامىل.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر سۆزلىرى چوڭ پارتىيە، چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ كەڭ كۆكسى-قارنى ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا بولغان كۆيۈنۈشى، غەمخورلۇقىنى نامايان قىلىپ، چوڭ قۇرۇقلۇق تەرەپنىڭ ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچلىقىنى كۆزلەش، قېرىنداشلارغا بەخت يارىتىش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت بۇرچ ھېسسىياتى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى.
جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى تەيۋەن تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى جۇ ۋېيدۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىم باش شۇجى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت چوڭ يۈزلىنىش ئۆزگەرمەيدۇ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار يېقىنلىشىپ ۋە يېقىن ئۆتۈپ، بىر يەرگە كېلىش چوڭ ئېقىمى ئۆزگەرمەيدۇ دەپ تەكىتلىدى. ھازىر تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتى مۇرەككەپ ھەم كەسكىن، دېموكراتىك تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» سىياسىتى ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتىدۇ، شۇڭا بىز «92-يىل ئورتاق تونۇشى»دا چىڭ تۇرۇش، «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قارشى تۇرۇشتىن ئىبارەت ئورتاق سىياسىي ئاساستا، ئىككى قىرغاقنىڭ تىنچ ھەمكارلىشىپ تەڭ پايدا ئېلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز كېرەك.
تەيۋەن بىرلىككە كېلىش ئىتتىپاقى پارتىيەسىنىڭ پەخرىي رەئىسى چى جيالىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇشى ۋە تىنچ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، دەۋر بۆلگۈچ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، تەيۋەندە كەڭ، ئاكتىپ، ئىجابىي ئىنكاس قوزغىدى. باش شۇجى سۆزىدە، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ يىلتىزى، مەنبەسى، مەدەنىيىتى، ئەجدادى بىر، تومۇرداش، بىر ئائىلە كىشىلىرى گەپ بولسا چىرايلىق سۆزلەشسە، ئىش بولسا كۆپرەك مەسلىھەتلەشسىلا، ھەل قىلغىلى بولمايدىغان زىددىيەت ۋە ئىختىلاپ بولمايدۇ دەپ تەكىتلىدى. بۇ، چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا بولغان ئەڭ چوڭ سەمىمىيىتىنى ئىپادىلىدى.
تەيۋەنلىك ياش چېن ۋېنچېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى ھەم قەلبىمىزنى ئىللىتتى، ھەممىمىز جۇڭخۇا مىللىتى، بىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز كېرەك، دەپ ئالاھىدە تىلغا ئالدى. مېنىڭچە بۇ بىزگە ئوخشاش يېڭى دەۋردىكى تەيۋەنلىك ياشلار ياكى ئىككى قىرغاق ياشلىرى بىرلىكتە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش.
باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا تۆت تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنى بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆز قولىدا چىڭ تۇتۇشقا رىغبەتلەندۈردى. تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ دائىم يۇرتىغا قايتىپ يوقلاپ تۇرۇشىنى قارشى ئېلىشتىن تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھىرلىنىشنى خالاشقىچە، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنىڭ يېڭى مەنزىرىسىنى بىرلىكتە سىزىپ چىقتى.
مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مەبلەغ سالغان كارخانىلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى سۈن دېسۇڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ يىل چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ «15-بەش يىللىق» پىلانىنىڭ باشلىنىش يىلى، بىز تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتى ۋە نەتىجىلىرىدىن ھەمبەھرىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىقتىسادىنى بىرلىكتە زورايتىشنى خالايمىز دەپ كۆرسەتتى. مەن بۇنىڭدىن بەك روھلاندىم ۋە چوڭقۇر ئىلھاملاندىم، بىزنىڭ بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكى شۇنچە كۆپ تەيۋەنلىك سودىگەرلىرىمىز، تەيۋەنلىك قېرىنداشلىرىمىز بار، كۆپچىلىك بىرلىكتە چوڭ قۇرۇقلۇقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، بىرلىكتە تىرىشىپ ئىگىلىك تىكلەپ، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلدى، بىز بۇ يەردە ئائىلە تۇيغۇسىغا ئىگە بولغانلىقىمىزدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمىز.
فۇجۇ شەھەرلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مەبلەغ سالغان كارخانىلار جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى جياڭ پېيچى مۇنداق دېدى: ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ چوڭقۇر ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشى ئىنتايىن زۆرۈر. مەن تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ چوڭ قۇرۇقلۇققا كۆپرەك كېلىپ كۆرۈپ، چوڭقۇر چۈشىنىپ، چوڭقۇر ھېس قىلىشىنى كۈچلۈك مۇراجىئەت قىلىمەن.
تەيۋەنلىك ياش گو رۈيشى مۇنداق دېدى: مەن چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تېزلىكى شۇنداقلا تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى قولايلىشىۋاتقانلىقىنى ناھايىتى ئېنىق ھېس قىلدىم. بىز جىلىن، شەنشى قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلكىلەرگە بېرىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ بىپايان زېمىنىنى ساياھەت قىلىپ، ۋەتىنىمىز زېمىنىدا ئۆز قەدىمىمىز بىلەن ئىز قالدۇردۇق. مەنمۇ كەلگۈسىدە بۇ كەڭ سەھنىدە ئۆز ماھارىتىمنى كۆرسىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، بارغانسېرى كۆپ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار چوڭ قۇرۇقلۇقنىڭ ئىجتىمائىي تۈزۈمى ۋە تەرەققىيات يولىنى توغرا تونۇپ، تەيۋەننىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنىڭ قۇدرەتلىك ۋەتەندە ئىكەنلىكى، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ مەنپەئەتى ۋە بەخت-سائادىتىنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى بىلەن باغلانغانلىقىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىدۇ.
شيامېن شەھەرلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار مەبلەغ سالغان كارخانىلار جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فەن جياڭفېڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى سۆزىدە ھەم مىللىي ئادالەت تەرىپىدە تۇردى ھەم ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ قەلبىنى يېقىنلاشتۇردى، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ يىلتىزى، مەنبەسى، مەدەنىيىتى، ئەجدادى بىر، تۈزۈم پەرقى تۈپەيلىدىن ئايرىلىپ كەتمەسلىكى كېرەك، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار ئەمەلىيەتتە جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشايلى.
ئامېرىكا فۇجيەن يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى چېن خېڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو چياۋمىنلىرى ۋەتەنگە چوڭقۇر رىشتە باغلىشى لازىم، ۋەتەن چوقۇم بىرلىككە كېلىشى كېرەك، ئىككى قىرغاقتىكىلەر بىر ئائىلە كىشىلىرى، بۇ، قان-قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتى، سىرتنىڭ ئارىلىشىشىغا موھتاج ئەمەس.
سىلوۋاكىيەدىكى جۇڭگو چياۋمىنى فۇشۈن مۇنداق دېدى: چەتئەلدە تۇرۇۋاتقان جۇڭخۇا پەرزەنتى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باش شۇجىنىڭ «دۆلەت زېمىنى پارچىلانسا بولمايدۇ، دۆلەت قالايمىقان بولسا بولمايدۇ، مىللەت چېچىلىپ كەتسە بولمايدۇ، مەدەنىيلىك ئۈزۈلۈپ قالسا بولمايدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد ئالغا بېسىشىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم، بىز قېرىنداشلار بىلەن بىرلىكتە، ئورتاق ماكانىمىزنى قوغداشنى خالايمىز.
ئاۋمېن رايونى جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى ليۇ يىلياڭ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە تىلغا ئالغان ئورتاق ئېتىقاد جۇڭخۇا مىللىتى نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تاۋلىنىشنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق شەكىللەنگەن يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە ئورتاق تونۇش بولۇپ، بىزنىڭ بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.
تەيۋەننىڭ ئېقىم مەسىلىلىرى ئوبزورچىسى ۋاڭ بىڭجۇڭ مۇنداق دېدى: ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقى دۆلەتنىڭ تولۇق بىرلىككە كېلىشى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشتە قىلچە بەل قويۇۋەتمەيدىغان قەتئىيلىك بىلەن چىڭ تۇردى دېيىشكە بولىدۇ، بۇ خىل ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىشەنچنى ئىنتايىن روشەن دېيىشكە بولىدۇ. شۇنچە كۆپ يىل ئۆتكەندىن كېيىن، بۈگۈنكى كۈندە بىز ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ گۈللەپ ياشنىغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن پەخىرلەندۇق، بىز ھەقىقىي جۇڭگولۇق بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئىرادىمىز، جاسارىتىمىز ۋە ئىشەنچىمىزنىڭ بارغانسېرى مۇستەھكەملىنىۋاتقانلىقىغا تېخىمۇ چوڭقۇر ئىشەندۇق. بىزنىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تەرەققىيات يولىغا قاتنىشىشىمىز پۈتكۈل دۆلەتكە بولغان قىزغىن مۇھەببىتىمىزنىڭ ئىپادىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئۆزىمىزنى بەختكە ئېرىشتۈرۈپ، ئۆزىمىزنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى يارىتىش ئۈچۈن ئىنتايىن ئەمەلىي ئىش قىلغانلىق.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









