شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 25-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىدە، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى 28-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا 25-قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى بىر تۇتاش پىلانلاش ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك.
جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى دۆلەت تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش-تىزگىنلەش تەتقىقات يۇرتىدىن يولداش ياڭ سىچۈەن بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ، خىزمەت تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىدىكى يولداشلار چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى ھەمدە مۇزاكىرە قىلدى.
شى جىنپىڭ چۈشەندۈرۈش ۋە مۇزاكىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، جۇغراپىيەسى مۇرەككەپ، كىلىماتى كۆپ خىل، تەبىئىي ئاپەت ئاسان ۋە كۆپ يۈز بېرىدۇ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى خەلقنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ، ئىدىيەدە بۇرۇلۇش ياساش، تۈزۈلمە ئىسلاھاتى، سىستېما قۇرۇلۇشى، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە نۇرغۇن ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، كادىرلار ۋە ئاممىنى يېتەكلەپ، بىر قاتار ئېغىر ۋە پەۋقۇلئاددە ئېغىر تەبىئىي ئاپەتلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى، قولغا كەلتۈرگەن ئۈنۈم پۈتۈن دۇنياغا ئايان. ئەمەلىيەت داۋامىدا شۇنى چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە، تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىشتا، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىشتا، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا، سىستېما قارىشىدا، جەمئىيەت ئورتاق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇش شەرت.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپەت خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپ، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى يېنىكلىتىشتە ئىشتىن بۇرۇن ئالدىنى ئېلىش مۇھىم. مەنبەسىدىن باشقۇرۇش، كونترول قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ئەۋرىشىم تەلەپنى دۆلەت زېمىن بوشلۇقى پىلانى ۋە تۈرلۈك قۇرۇلۇش پىلانلىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەرنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سىستېمىلىق تۈزەپ، تۈرلۈك ئاپەت خەۋپ-خەتىرىنى دەل جايىدا پەرقلەندۈرۈش؛ قۇرۇلۇشنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، مۇھىم شەھەرلەر ۋە ئاپەت كۆپ يۈز بېرىدىغان رايونلارنىڭ ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە مۇداپىئە ئۆلچىمىنى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈپ، ئالاقىدار يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئېغىر ئاپەت، غايەت زور ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇش، بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېغىر ئاپەت، غايەت زور ئاپەت خەۋپ-خەتىرىگە چوڭقۇر ھۆكۈم قىلىپ، كۆزىتىش، سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش؛ چوڭ بىخەتەرلىك، چوڭ جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش رامكىسىدىكى جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق مېخانىزمىنى تاكاموللاشتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش قوشۇنى ۋە دۆلەتنىڭ رايون جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش-قۇتقۇزۇش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئۇنىۋېرسال قۇتقۇزۇش، ئۆتكۈنچى ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، قايتا قۇرۇش خىزمىتىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەبىئىي ئاپەتكە تاقابىل تۇرۇشتىكى پەن-تېخنىكا تىرىكى ۋە قانۇنچىللىق كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. جىددىي تاقابىل تۇرۇش ساھەسىدىكى پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش پەنلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، تەبىئىي ئاپەتكە دائىر ئاساسىي تەتقىقاتنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش؛ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ساھەسىنىڭ قانۇنچىللىق سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشنىڭ قانۇنچىللىق سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئاساسىي قاتلام تەبىئىي ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ بىرىنچى سېپى، ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇش، ئاساسنى كۈچەيتىش خىزمىتىنى باشتىن-ئاخىر بوشاشتۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ. ئاساسىي قاتلامنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش كۈچى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش سورۇنى قۇرۇلۇشى ۋە ئەشيا، جابدۇق كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، ئامما ئۆلچەش، ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما تۈزەشنى ياخشى تۇتۇش؛ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، خەتەردىن ساقلىنىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇش كېرەك. جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى تولۇق ئادا قىلىپ، بىر تۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش، مۇداپىئەلىنىش بىلەن قۇتقۇزۇشنى جىپسىلاشتۇرۇش، يۇقىرى-تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان، ھەمكارلىشىپ ماسلىشىدىغان خىزمەت ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، تەرەققىياتقا ئەھمىيەت بېرىپ بىخەتەرلىككە سەل قاراش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ ئالدىنى ئېلىشقا سەل قاراش قاتارلىق خاھىشلارنى قەتئىي تۈزىتىشى؛ تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ئاپەتتىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا









