ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەنۋەر ئەركىن|     يوللانغان ۋاقىت: 2026-06-03 10:06

مەدەنىيەت دۆلەتنىڭ ئاساسى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئورتاق تىرىشىپ دەۋرىمىزگە مەنسۇپ يېڭى مەدەنىيەت يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.
شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋر مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدا توغرىلىرىدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىلىپ، مەدەنىيەت تومۇرى مەزمۇت قەدەم بىلەن داۋاملاشتۇرۇلۇپ، مەدەنىيەت ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلۇپ، قەدىمىي مەدەنىيلىك بىلەن زامانىۋى مەدەنىيلىك گىرەلىشىپ كەتكەن گۈزەل مەنزىرە  جۇڭخۇا زېمىنىدا ئاستا-ئاستا بارلىققا كەلدى.
زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان مەدەنىيلىكنىڭ ئەكس ساداسىنى ئاڭلاپ، مۇزىكىدىكى جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تومۇرىنى ھېس قىلدۇق. بۇ يىلنىڭ بېشىدا، دۆلەت ئىچىدىكى بىردىنبىر جۇڭگو قەدىمكى زامان مۇزىكىلىرىنىڭ سۇلالىلەر تارىخىنى ئاساس قىلغان، ئومۇملاشتۇرۇش ۋە يىغىپ ساقلاش خاراكتېرىگە ئىگە «قەدىمكى مۇزىكىلار ئۈستىدە ئىزدىنىش: جۇڭگو كىلاسسىك مۇزىكىلىرىدىن زوقلىنىش» ناملىق چوڭ تىپتىكى مۇزىكا پىلاستىنكىسى  جۇڭگو دۆلەتلىك نەشر  بۇيۇملىرى سارىيىدا ساقلاندى. بۇ يىل 2-ئايغىچە، دۆلەتلىك نەشر بۇيۇملىرى سارىيىدا جۇڭخۇا قەدىمكى ئەسەرلىرى، يېقىنقى، ھازىرقى زامان نەشر بۇيۇملىرى قاتارلىق ئەمەلىي نەشر بۇيۇمىدىن 34 مىليوندىن كۆپرەكى ساقلانغان بولۇپ، رەقەملىك ھۆججەتلەر 3 مىليارد 600 مىليون بەتتىن ئاشىدۇ. جۇڭگو دۆلەتلىك نەشر بۇيۇملىرى سارىيىنىڭ باشلىقى ليۇ چېڭيۇڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 15ـ بەش يىلنىڭ باشلىنىش يىلى، بىز دىققەتنى يىغىپ ساقلاش ئاساسىي كەسپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا نەشر بۇيۇملىرىنى ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالدۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ساقلانمىلارنىڭ رەقەملىك بايلىقىنى يەنىمۇ بېيىتىپ، رەقەملىك كۆرگەزمە زالى، رەقەملىك كۇتۇپخانا بەرپا قىلىپ، قەدىمىي كىتاب، ھۆججەتلەرنى تۇتقىلى، ھەمتۈرتكە قىلغىلى بولىدىغان جانلىق ۋاسىتىگە ئايلاندۇرىمىز.
-2023 يىلى 6-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ جۇڭگو دۆلەتلىك نەشر بۇيۇملىرى سارىيى ۋە جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىدا خىزمەت تەكشۈرۈپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. باش شۇجى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى زور نەزەرىيە ۋە رېئال مەسىلىلەرنى چوڭقۇر شەرھلەپ، «تارىخىي مەدەنىيەت تومۇرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھازىرقى دەۋرنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى پۈتەيلى» دېگەن دەۋر چاقىرىقىنى چىقاردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشىگە داۋاملىق تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىش بىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىمىز.
يىلتىز قوغدىلىپ، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىندى. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىنىڭ ئاساسى ئاساسىي جەھەتتىن ئېنىقلاندى، 4ـ قېتىملىق مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشتە مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، چاڭجياڭ دەرياسى، خۇاڭخې دەرياسى قاتارلىق دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىش ئورتاق تونۇشى بارغانسېرى چوڭقۇرلاشتى. جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھەرلىك مەدەنىيەت-رادىيو -كىنو-تېلېۋىزىيە-ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شى چۈەن مۇنداق دېدى: بىز شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى چاڭجياڭ دەرياسى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسىنىڭ جيۇجياڭ بۆلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، شۈنياڭ رايونى داجۇڭ يولى تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى كوچا رايونىغا كىرگۈزۈشنى دائىملاشتۇرۇپ، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ئويۇنلىرىنى سەييارە قويۇشقا تەشكىللىدۇق. چاڭجياڭ مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي قىممىتى ۋە دەۋر ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز.
مەدەنىيەت مىللەتنىڭ مەنىۋى جان تومۇرى، ئەدەبىيات - سەنئەت دەۋرنىڭ بۇرغىسى. 2021 - يىلى 12 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ 11-قۇرۇلتىيى، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ 10-قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقنى مەنبە قىلىش، خەلق ئۈچۈن ئىشلەش، خەلققە مەنسۇپ بولۇش سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ تۈپ مەيدانى، شۇنداقلا سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات-سەنئەتنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئەدەبىيات - سەنئەت خىزمەتچىلىرى خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ مەدەنىيەت ئېھتىياجىنى قاندۇرىدىغان ۋە خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرىدىغان تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ئەدەبىيات -سەنئەت باغچىسىنى خەلق ئۈچۈن مەڭگۈ جۇلالاندۇرۇشى كېرەك.
ئەدەبىيات-سەنئەت خىزمەتچىلىرى مەۋقەنى دەۋرگە قارىتىپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، ئىدىيەسى چوڭقۇر، سەنئىتى كامالەتكە يەتكەن، ياخشى ئىشلەنگەن بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. بۇ يىل قويۇلغان «ئاموغا يېزىلغان مۇھەببەت خېتى»، «باش پېرسوناژ» ناملىق كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىن «يېشىللىققا مەدھىيە»، «قىزىل راۋاقتىكى چۈش» ناملىق ئۇسسۇللۇق تىياتىرغىچە سەييارە ئويۇن قويۇش قىزغىنلىقى پەسەيمىدى. بۇ ئەسەرلەردە ئەنئەنىۋى ئاساس بىلەن دەۋر خاراكتېرى گىرەلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئەدەبىيات- سەنئەت باغچىسىدا نادىر ئەسەرلەر ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلدى.
يېقىندا، شەنشى ئۆلكىسى يۈلىن شەھىرى خېڭشەن رايونى خەنچا بازىرىدا، شىئەن يىسۇ ئۇيۇشمىسى كىلاسسىك چىنچياڭ ئەلنەغمىسىنى ئېلىپ كەلدى، قەدىمىي چىنچياڭ ئەلنەغمىسى يېزا سەھنىسىدە يېپيېڭى ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدى. شىئەن يىسۇ ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى خۇي مىنلى مۇنداق دېدى: بىز ئالدى بىلەن يىلتىز ۋە روھنى ياخشى ساقلاپ، كىلاسسىك تىياتىر نومۇرلىرى، ئاھاڭ پۇرىقى، ئورۇنداش تەرتىپىنى مۇكەممەل ياخشى قوغدىشىمىز، ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تىياتىر مەزمۇنى، سەھنىدە  قويۇش، تارقىتىش ئۇسۇلىدا دادىل يېڭىلىق يارىتىشىمىز كېرەك. يىسۇ ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۈستى ئوچۇق سەھنىسى ئاممىنى نامايەن قىلىدىغان سەھنە بىلەن تەمىنلىدى، بىز دىراما ۋە ئەلنەغمىگە ۋارىسلىق قىلىش كۈچى ئارقىلىق مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشقا  كۈچ قوشىمىز.
پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالساق، دىراما ۋە ئەلنەغمىنى يېزا - كەنتلەرگە يەتكۈزۈش، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش، سەنئەتنى ئومۇملاشتۇرۇش قاتارلىق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى كەڭ قانات يايدۇرۇلدى. شەھەر ـ يېزىلارنى قاپلىغان 40 مىڭدىن ئارتۇق يېڭىچە  ئاممىۋى مەدەنىيەت بوشلۇقى پۇقرالارنىڭ ئەتراپىدىكى «مەدەنىيەت مېھمانخانىسى»غا ئايلاندى، ھەر يىلى 1 مىليارد 500 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق تاماشىبىن مۇزېيغا كىردى، كىشىلەر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، تارىخ بىلەن سۆزلىشىش جەريانىدا مەدەنىيەتنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى ئاشۇردى. سەنشىڭدۈي مۇزېيى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ خىزمەتچىسى جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: بىز تاماشىبىنلارنىڭ سەنشىڭدۈيگە كېلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى تاماشا قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەدەنىيلىكنى چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، چۈنكى يېڭى ساراي  مەۋقەنى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ پۈتۈن مەنزىرىسىگە قارىتىپ، سەنشىڭدۈيدىكى يۈز يىللىق ئارخېئولوگىيەلىك نەتىجىلەرنى سىستېمىلىق رەتلەپ چىقتى، بۇ ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدىلەشكەن جانلىق دەلىلى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئىسپاتلىدى.
15-بەش يىللىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، چوڭقۇر تارىخىي ئاساس ۋە روشەن دەۋر روھى مۇجەسسەملەنگەن جۇڭخۇا مەدەنىيىتى چوقۇم يېڭى كەيپىياتنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى شانلىق نەتىجە يارىتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مەدەنىيەت ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى ۋە شەرق كۈچىنى تەقدىم قىلىدۇ.

تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك

مەدەنىيەت دۆلەتنىڭ ئاساسى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەدەنىيەت ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىپ، بۇرچنى زىممىمىزگە ئېلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئورتاق تىرىشىپ دەۋرىمىزگە مەنسۇپ يېڭى مەدەنىيەت يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى بەرپا قىلىشىمىز كېرەك.