قىزىل مۇنبەت تۇپراقتا دەۋرنىڭ سەلتەنەتلىك سەھىپىسى ئۈزلۈكسىز پۈتۈلمەكتە
بۇ يىل جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى دۇنياغا كېلىش بىلەنلا، جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈشنى ئۆزىنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى قىلىپ بېكىتكەن دەپ كۆرسەتتى. 105 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كومپارتىيەسى باشتىن-ئاخىر ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى سەلتەنەتلىك سەھىپىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدە مىسلىسىز پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلدى.
ئەمدى «ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، گۈللىنىش مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيلى» ماۋزۇلۇق يۈرۈشلۈك خەۋىرىمىزدە، ئىنقىلابىي مۇقەددەس جايلارغا بېرىپ، قىزىل مۇنبەت تۇپراقتىكى ئۇرۇش يىللىرىدىن بۈگۈنكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگىچە، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە جايلارنىڭ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، خەلقنى بېيىتىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشتە نامايان قىلغان ئاجايىپ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ھېس قىلىمىز. بۈگۈن ئالدى بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئارزۇسى باشلانغان جاي بولغان شاڭخەي بىلەن جېجياڭنىڭ جياشىڭغا بارىمىز.
نۆۋەتتە، «يىلتىز تومۇر ۋە شان-شەرەپ» ناملىق قىزىل ئۈستى ئوچۇق مۇزېي باش تېمىلىق كۆرگەزمىسى شاڭخەي شەھىرىنىڭ خۇاڭپۇ رايونىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيىنىڭ مەخسۇس كۆرگەزمە زالىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتىدۇ، ھەر بىر قىممەتلىك ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ھۆججەتلەر ئۆزئارا جۇلالىنىپ، ئاشۇ مىسلىسىز قاينام-تاشقىنلىق يىللارغا بىرلىكتە گۇۋاھ بولدى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى پارتكومىنىڭ شۇجىسى، ساراي باشلىقى چېن يىنخۇا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيەمىزنىڭ بارلىق تارىخى جۇڭگو كومپارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيىدىن باشلانغان، بىز ھەرقانچە يىراق مەنزىلگە يەتسەكمۇ، باسقان يولىمىزنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ دەپ تەكىتلىدى. يېڭى دەۋردە تۇرۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى ئەسلىسەك، جۇڭگو كومپارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي كوممۇنىستلارنىڭ مەنىۋى ماكانى. ئۇ ھەر ۋاقىت بىزگە قەيەردىن كەلگەنلىكىمىزنى، يىلتىزىمىزنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.
جۇڭگو كومپارتىيەسى 1-قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جاي بولغان جياشىڭنىڭ نەنخۇ كۆلىدىكى قىزىل كېمە جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئارزۇسى باشلانغان جاي، «جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش»تىن ئىبارەت ئەسلى مەقسەت ۋە بۇرچ مۇشۇ يەردە بارلىققا كەلگەن.
باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 100 يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پېشۋالىرى جۇڭگو كومپارتىيەسىنى قۇرۇپ، ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇش، غايىنى قەتئىي ساقلاش، ئەسلىي مەقسەتنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش، بۇرچنى زىممىگە ئېلىش، قۇربان بېرىشتىن قورقماسلىق، باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلىش، پارتىيەگە سادىق بولۇش، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماسلىقتىن ئىبارەت ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى شەكىللەندۈردى، بۇ جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ مەنىۋى مەنبەسى.
ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشۇش كېرەك.
پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىشىغا تۈرتكە بولدى.
پارتىيەمىز دۇنياغا كەلگەن جاي شاڭخەيدە، «بەش مەركەز» يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شاڭخەي شەھىرىگە بولغان ئومۇمىي ئورۇن بېكىتمىسى. بۈگۈنكى شاڭخەيدە، خەلقئارا ئىقتىساد، پۇل مۇئامىلە، سودا، سۇ تىرانسپورت مەركىزى ئاساسىي جەھەتتىن قۇرۇپ چىقىلىپ، خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندۈرۈلۈپ، دۇنياۋى تەسىر كۈچى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش مەنبەسى ئىقتىدارى سىجىل ئاشۇرۇلدى. جاڭجياڭ ئىلىم-پەن شەھەرچىسى، G60 پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارىدورىدىن ياڭپۇ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بەلبېغى، شۈخۇي «مودېل سۈرئەت بوشلۇقى»غىچە، شاڭخەينىڭ يەر شارى «ئەڭ ياخشى پەن-تېخنىكا توپى»دىكى رەت تەرتىپى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن چوڭ ئايروپىلان، چوڭ پوچتا پاراخوتى، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان نۇرغۇن «بىرىنچى»لەر شاڭخەيدە ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلدى.
ئىقتىساد تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، شاڭخەي «خەلق شەھىرىنى خەلق قۇرۇش، خەلق شەھىرى خەلقنى كۆزلەشتە چىڭ تۇرۇش» دېگەن مۇھىم ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەڭ ياخشى بايلىقنى خەلققە قالدۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك تەمىنات ئارقىلىق خەلققە مۇلازىمەت قىلدى. كونا ئولتۇراق رايونلارنى يېڭىلاشتىن مەھەللە ئاشخانىسى قۇرۇشقىچە، ئەخلەتنى تۈرگە ئايرىشتىن باغچە شەھىرى قۇرۇلۇشى، خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى، سۇجۇ دەرياسىنى ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىغىچە، شاڭخەي شەھىرى گۈل كەشتىلەش ماھارىتى ئارقىلىق، ئاممىنىڭ ئالدىرىغان، قىينالغان، غەم قىلغان، تەقەززا بولغان مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلدى.
شاڭخەي شەھىرى خۇاڭپۇ رايونى داپۇچياۋ كوچىسىدىكى بىر ئاھالە بىز ياشانغانلار ناھايىتى تەسىرلەندۇق، چىن كۆڭلىمىزدىن خۇشال بولدۇق ھەم ھاياجانلاندۇق، بۇ ئۇلۇغ دەۋردە ياشىغانلىقىمىز ئۈچۈن، بىز ھەقىقەتەن بەك تەلەيلىك، ناھايىتى بەختلىك دېدى.
جېجياڭنىڭ جياشىڭ ئەسلى مەقسەتنى چىڭ كۆزلەپ، شەھەر-يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، جېجياڭ بىلەن شاڭخەينى تۇتاشتۇرىدىغان «ئىستىھكام» بولۇش سۈپىتى بىلەن، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى كارتىنىسىغا چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى. 2025-يىلى، جياشىڭدىكى يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 54 مىڭ 939 يۈەنگە يېتىپ، ئۇدا 22 يىل جېجياڭ ئۆلكىسى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. جياشىڭنىڭ كۆلەملەشكەن سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى بىر تىرىليون 500 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە ئىلغار ياسىمىچىلىقتىكى 100 كۈچلۈك شەھەر ئىچىدە ئالدىنقى 20 نىڭ ئىچىگە كىردى؛ دۆلەت دەرىجىلىك كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىدىن 243 نى يېتىشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەرلەر ئىچىدە بىرىنچى سەپتە مۇقىم تۇردى.
جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەتلىك مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) پەن-تەتقىقات كافېدراسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى خۇڭ شياڭخۇا مۇنداق دېدى: پارتىيە ئەزاسى 50 نەچچىدىن تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، 100 مىليوندىن ئاشتى. 105 يىللىق ئۇلۇغ مۇساپىدە، دەل ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كومپارتىيەسى خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان مۆجىزىلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقا ئۆتۈشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. يېڭى دەۋردە ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، بۇ قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورالدىن ياخشى پايدىلىنىپ ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە تۈرتكە بولۇشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، خەۋپ-خەتەر ئالدىدا دادىل كۈرەش قىلىپ، خىرىس ئالدىدا بۆسۈش ياساشقا ماھىر بولۇپ، باشتىن-ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، تەرەققىيات مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، يېتەرلىك ئىشەنچ بىلەن ئۆزگىرىشكە ئۇيغۇنلىشىپ، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭخۇا زېمىنىدا، ھەر قايسى ساھەلەردە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
بۈگۈنكى جۇڭگونىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى دۇنيادا 2-ئورۇندا، مال سودىسى كۆلىمى يەر شارىدا 1-ئورۇندا مۇقىم تۇرۇپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولدى.
بۈگۈنكى جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ئەڭ تېز ئاشقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى، ئۇنىۋېرسال يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يەر شارىدا 9-ئورۇنغا ئۆتتى، «چاڭئې» ناملىق تەكشۈرگۈچنىڭ ئاي شارىنى تەكشۈرۈشىدىن «كۈرەشچى» ناملىق چۆككۈنىڭ چوڭقۇر چۆكۈشىگىچە، بىر تۈركۈم چوڭ دۆلەت مۇھىم قوراللىرىدا ئارقا-ئارقىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىندى؛ دۆلىتىمىز تەتقىقاتچىلىرىنىڭ ئومۇمىي سانى، يەر شارىدىكى 100 كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش توپىنىڭ سانى يەر شارىدا 1-ئورۇنغا ئۆتۈپ، دۇنيا پەن-تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتىگە قاراپ تېز قەدەم تاشلىماقتا.
بۈگۈنكى جۇڭگو دۇنيادا كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ تولۇق، تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولدى.
بۈگۈنكى جۇڭگو ھاللىق جەمئىيەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىپ، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسىنى تارىخىي يوسۇندا ھەل قىلدى، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش كۈرەش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.
يۈز يىللىق چوڭ پارتىيە قىرانلىق مەزگىلىدە تۇرماقتا. يېڭى مۇساپىدە بىز ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى تېخىمۇ ياخشى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۆزگەرتمەي، قەدەمنى توختاتماي، تېخىمۇ ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېڭى، تېخىمۇ زور شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىمىز.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار









