ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پۇلىدىن بىر يۈرۈش تارقىتىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 16:09

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو خەلق بانكىسى9-ئاينىڭ 6 -كۈنى سىرتقا، 9-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش پۇلىدىن بىر يۈرۈش تارقىتىشنى بېكىتكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ بىر يۈرۈش خاتىرە پۇل جەمئىي يەتتە دانە بولۇپ،بۇنىڭ ئىچىدە ئالتۇن خاتىرە پۇل ئىككى دانە، كۈمۈش خاتىرە پۇل تۆت دانە، قوش رەڭلىك مىس قېتىشمىلىق خاتىرە پۇلدىن بىر دانە بولۇپ، ھەممىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇلى ھېسابلىنىدۇ.

مەركىزىي بانكىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئالتۇن خاتىرە پۇل ۋە كۈمۈش خاتىرە پۇلنىڭ ئوڭ يۈزىگە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت گېربى چۈشۈرۈلگەن ھەمدە دۆلەت نامى،يىل نامى چىقىرىلغان. ئالتۇن خاتىرە پۇلى 150 گىرام يۇمىلاق ۋە 8 گىرام يۇمىلاق دەپ ئىككى خىلغا بولىنىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە 150 گىراملىق يۇمىلاق ئالتۇن خاتىرە پۇلنىڭ ئارقا تەرىپىگە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ قەلبداش بولۇش، ھەممە خۇشال خۇرام دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش بىرىكمە رەسمىي چۈشۈرۈلگەن، ئەڭ كۆپ بولغاندا 2000 دانە تارقىتىلىدۇ. كۈمۈش خاتىرە پۇلنىڭ قىممىتى 300 يۈەن، 50 يۈەن، 10 يۈەندىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ. بۇ بىر يۈرۈش ئالتۇن-كۈمۈش خاتىرە پۇلىنى جۇڭگو تىللا باش شىركىتى ساتىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有