ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ياڭ جېچى سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىيو بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 16:44

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شۇ جاي ۋاقتى 9-ئاينىڭ 6-كۈنى،رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى،جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى ، مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى ياڭ جېچى فرىدۇندا سېررالېئون زۇڭتۇڭى بىيو بىلەن كۆرۈشتى. ياڭ جېچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو سېررالېئون تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەردە قەتئىي قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىدۇ ، سېررالېئون ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ . جۇڭگو سېررالېئون بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ ، ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە دوستانە ئىشىنىشنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىشنى خالايدۇ . ياڭ جېچى مۇنداق دېدى : جۇڭگو سېررالېئون بىلەن جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى رامكىسى ئىچىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - ئافرىقا ھەمكارلىقىدىكى «سەككىز چوڭ ھەرىكەت » نى سېررالېئون تەرەپنىڭ « يېڭى يۆنىلىش » ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۈنۈملۈك بىرلەشتۈرۈپ ، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇل ئەسلىھە، دېھقانچىلىق، بېلىقچىلىق، داۋالاش-ساقلىق ساقلاش ، مائارىپ تەربىيەسى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ ، ئىككى تەرەپ خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى خالايدۇ . جۇڭگو سېررالېئون بىلەن خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرو قىلىنغان خەلقئارا سىستېمىنى، «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيەسى»نىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپنى قەتئىي قوغداشنى خالايدۇ .











中央广播电视总台 央广网 版权所有