ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ مېركېل بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - گېرمانىيە سۆزلىشىش مۇنبىرىنىڭ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 17:18

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 9-ئاينىڭ 6-كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەن گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - گېرمانىيە سۆزلىشىش مۇنبىرىنىڭ 2019 - يىللىق يىغىنىغا قاتناشقان ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە ئۇلار بىلەن سۆھبەتلەشتى.

ئىككى دۆلەت زۇڭلىلىرى جۇڭگو-گېرمانىيە سۆزلىشىش مۇنبىرى ئىككى تەرەپ رەئىسىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە تەكلىپىنى ئاڭلىدى.

لى كېچياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو- گېرمانىيە سۆزلىشىش مۇنبىرى تەسىس قىلىنغان 10 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىق مېخانىزمىدا بىر-بىرىنى تولۇقلاش ئۈنۈمى، ئۆز ئارا ماسلىشىش ۋەزىيىتى شەكىللىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تۈزۈم، مەدەنىيەت، تەرەققىيات سەۋىيەسى پەرقىدىن ھالقىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق مەنپەئەتى ۋە ھەمكارلىق ساھەسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ،جۇڭگو- گېرمانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماي، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ۋە خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشتا ئالاھىدە رول ئوينىدى. جۇڭگو بىلەن گېرمانىيە دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادى گەۋدىلەر، جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەڭ چوڭ دۆلەت، گېرمانىيە تەرەققىي تاپقان مۇھىم دۆلەت ۋە ياسىمىچىلىق كۈچلۈك دۆلىتى. بىزنىڭ ئوتتۇرىمىزدا ئۆزئارا ئېچىۋېتىش، خادىملار ئالاقىسىنى كۈچەيتىش، ھەمكارلىق بوشلۇقى ناھايىتى چوڭ.جۇڭگو- گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرى سۆزلىشىش مۇنبىرىنىڭ بىر بىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىدىكى قارىشى تەرەپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى، مائارىپ، كەسپىي تەربىيەلەش، جۇڭگو - گېرمانىيە پەن تەتقىقات ھەمكارلىقى، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشى قاتارلىق ئالتە چوڭ ساھەدە ئوتتۇرىغا قويغان ھەمكارلىق تەكلىپىنى پائال قوللاپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى ئۈچۈن پايدىلىق شارائىت يارىتىشنى خالايدۇ.ئىككى تەرەپنىڭ نەتىجىلەرنى ئۈزلۈكسىز توپلاپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىگە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مېركېل مۇنۇلارنى بىلدۈردى: گېرمانىيە- جۇڭگو سۆزلىشىش مۇنبىرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئالتە چوڭ ساھەدىكى ھەمكارلىق تەكلىپى ئىنتايىن مۇھىم، نۇرغۇنلىرى ئىككى دۆلەت دۇچ كەلگەن ئورتاق خىرىس بولۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشىنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى، شۇنداقلا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق.گېرمانىيە بىلەن جۇڭگو ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئەينەك قىلىپ،ئۆز ئارا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرسا بولىدۇ.

جۇڭگو بىلەن گېرمانىيەنىڭ سىياسىي، سودا، ئىلىم ساھەسىدىن كەلگەن 60 نەچچە ۋەكىل يىغىنغا قاتناشتى. ۋاڭ يى، ۋەن گاڭ، خې لىفېڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە ئايرىم - ئايرىم قاتناشتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有