ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شىنجاڭنىڭ كۇچا ناھىيەسى چىمەن بازىرى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 17:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى كۇچا ناھىيەسى چىمەن بازىرى يوڭكۇ ئىتتىپاق كەنتى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى 1800 دىن ئارتۇق كەنت ئاھالىسى ئۇيغۇر، خەنزۇ، خۇيزۇ، قازاق، جۇاڭزۇ قاتارلىق بەش مىللەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 60 يىلدىن بۇيان، ھەر قايسى مىللەت كەنت ئاھالىسى بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە كۈرەش قىلىپ، ئىلگىرىكى قۇملۇق كەنتنى مەدەنىيەتلىك، باي يېڭى كەنت قىلىپ قۇرۇپ چىقتى.

كەچقۇرۇن، يوڭكۇ ئىتتىپاق كەنتىدىكى 46 ياشلىق ئۇيغۇن كەنت ئاھالىسى ئەخمەت غېرىب ئەر-ئايال ئىككىيلەن كېسەل بولۇپ يېتىپ قالغان خەنزۇ دادىسىنى يوقلاش ئۈچۈن، سۈن چېڭجۇڭنىڭ ئۆيىگە يەنە بىر قېتىم باردى. ئەخمەتنىڭ كىچىك چېغىدىلا دادىسى ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، كىچىك چېغىدا دائىم بىر دە توق بىردە ئاچ يۈرەتتى، قوشنىسى سۈن چېڭجۇڭ ئۇنىڭغا ياردەم بېرىپ، ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كەلگەن ئىدى. ئۆتكەن يىلى، ياشىنىپ قالغان سۈن چېڭجۇڭ كېسەل بولۇپ قالغاندا، ئەخمەت ئايالى بىلەن بىللە دەرھال ئۈرۈمچىدىكى دوختۇرخانىغا بېرىپ ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، سۈن چېڭجۇڭنىڭ ئايالى بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەسىرلەندى.

"يوڭكۇ ئىتتىپاق كەنتى" ئىلغار مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئەنئەنىسىگە ئىگە. 2017-يىلى جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرىنىڭ خالىسانە ياردەم بېرىشىنىڭ تۈرتكىسىدە، يوڭكۇ ئىتتىپاق كەنتى يېڭىدىن 56 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىپ، بازار، ئۆزگىچە باقمىچىلىق مەيدانى قاتارلىق مەنزىرە نۇقتىلىرىنى قۇردى. يوڭكۇ ئىتتىپاق كەنتىمۇ جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلىدىغان 3 ئا دەرىجىلىك مەنزىرە رايونى ۋە "شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىكى 1- كەنت" قىلىپ قۇرۇپ چېقىلدى.

بىر ئائىلىگە بىر تەدبىر قوللىنىش، نامراتلارنى دەل يۆلەش ئارقىلىق، كەنتتىكى 31 نامرات ئائىلە قىسقىغىنا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلىدى. 2018-يىلىغىچە، يوڭكۇ ئىتتىپاق كەنتىدىكىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمى 12 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى.




中央广播电视总台 央广网 版权所有