ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

باش تېما تەربىيەسى 1-تۈركۈم خۇلاسە يىغىنى ۋە 2- تۈركۈم ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 17:33

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

"ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش" باش تېما تەربىيەسىنىڭ 1-تۈركۈم خۇلاسە يىغىنى، 2-تۈركۈم ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ ۋە ئۇنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى ھەققىدىكى مۇھىم يوليورۇقلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى پىلانلاپ، ياخشى تەشكىللەپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىدە مۇھىم باسقۇچلۇق نەتىجە ھاسىل قىلىنىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشقا مۇھىم تەجرىبىلەر توپلاندى، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچى تۇيغۇسى بىلەن خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىن ئىبارەت بۇ تۈپ ۋەزىپىنى پۇختا چىڭ تۇتۇپ ۋە چوڭقۇر ئۆگىنىپ، "ئەسلى مەقسەتنى چىڭ ساقلاپ، بۇرچىنى زىممىگە ئېلىپ، پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈش" ئومۇمىي تەلىپىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئۆگىنىش، تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى كۆزىتىش، تۈزىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشتىن-ئاخىرىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. ئۆلچەم تەلىپىدە چىڭ تۇرۇشقا، دەرىجىگە، تۈرگە ئايرىپ يېتەكچىلىك قىلىشقا، ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىشقا، ئېچىۋېتىپ تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، شەكىلۋازلىققا، بىيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇپ، ئاممىغا باش تېما تەربىيەسى ئېلىپ كەلگەن يېڭى ئۆزگىرىش، يېڭى ئۈنۈمنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم پارتىيە گۇرۇپپىلىرى رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىشى كېرەك.

چېڭ شى يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەمدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ روھى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۆز رايونى، ئۆز تارمىقى، ئۆز ئىش ئورنىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، 1- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى پىلانلاش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم پارتىگۇرۇپپىلىرى سۇبېكىتپ مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، 2- تۈركۈمدىكى باش تېما تەربىيەسىنى پۇختا چىڭ تۇتۇشى كېرەك.





中央广播电视总台 央广网 版权所有