ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۆپ دۆلەت ئەربابلىرى: ھەمكارلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 17:48

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

«سودا، ئېچىۋېتىش ۋە ھەمبەھىرلىنىش، گۈللىنىش »باش تېما قىلىنغان جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2019-يىللىق مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنى 9-ئاينىڭ 7-كۈنى يېپىلدى. مۇتەخەسسىسلەر: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن، ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، كىرىزىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشى كېرەكلىكىنى مۇراجىئەت قىلدى.

خەلقئارا بازاردا سودا سۈركىلىشى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، نېفىت مەسىلىسى ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولدى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا ئۈنۈملۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ تىرىكى كەمچىل بولدى، يېڭى گۈللەنگەن دۆلەتلەر ئۆزىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىدى، دۇنيا ئومۇمىي ئىقتىسادىنىڭ ئاستىلىشى مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت بولۇپ قالدى. بېيجىڭ داشۆسى دۆلەت تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ يىپىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىشى 2016-يىلىدىن باشلاپ باشلانغان، سىياسەت تۈزگۈچىلەرنىڭ كۆز قارىشىغا ئاساسەن، بۇنىڭدا بىر خىل دەۋرىيلىك ئامىلى بار. بۇ خىل ئامىل جۇڭگو ئىقتىسادىغا بەلگىلىك زەربە ئېلىپ كەلدى، خۇاڭ يىپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو كەڭ بازارغا ئىگە، ئومۇمىي ئېشىشى بىر قەدەر مۇقىم،%6.6دىن - %6.2 ئارىلىقىدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى نورمال.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ئىقتىسادى جۇڭگو-ئامېرىكا سودا سۈركىلىشىدىمۇ ئۈزلۈكسىز ئاستىلىدى. خارۋارد داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى روبېرت بارو مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو-ئامېرىكا سودىسىمۇ ئامېرىكىنىڭ باج ئىسلاھاتى سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئازايتتى. قىسقا مۇددەتلىك ئۆسۈم نىسبىتى بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ، كەلگۈسىدە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىق زاپاس ساقلاش كومىتېتى قىسقا مۇددەتلىك پايدا نىسبىتىنىڭ ئۆسۈمىنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ، ھالبۇكى بۇ ئەندىزە ئادەتتە ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشى بىلەن ئىنتايىن مۇناسىۋەتلىك.

ھەمكارلاشسا تەڭ پايدا ئالغىلى بولىدۇ، قارشىلاشسا ھەر ئىككى تەرەپكە زىيان. بۇ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ سودا سۈركىلىشىدىكى روشەن ئورتاق تونۇش. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، 40 يىلدىن بۇيان ھەم قويۇق مۇناسىۋەت مەزگىلى ھەم قىيىنچىلىق مەزگىلىرىنى باشتىن كەچۈردى، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى باشتىن كەچۈرگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، كىسسىنگېر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئامېرىكىنىڭ سابىق دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى دوكتور ھىنرى. كىسسىنگېر مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا تېخنىكا، سىياسىي تەجرىبە ۋە تارىخ جەھەتتە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى ۋە تىنچلىقىغا ئەڭ تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارى بار دۆلەتلەر. ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان تارىخى ۋە ئوخشىمىغان مەدەنىيىتى بار، شۇڭا ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىق خىرىسى ئىنتايىن زور. ئىككى دۆلەتنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقىپ، دۇچ كەلگەن زور مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ بارلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有