ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-09 17:49

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئىشلىرى ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يېقىندا شياڭگاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە بولغان كۆز قارىشىنى تونۇشتۇردى ھەمدە ئۈچ تۈرلۈك پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ شياڭگاڭلىق ئەربابلارنىڭ قىزغىن مۇنازىرىسىنى قوزغىدى.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، شياڭگاڭ جۇڭخۇا باش سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى سەي گۇەنشېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشىنىڭ تۈپ نېگىزى بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش، نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش توپىلاڭنى تېزدىن توختىتىپ، قالايمىقانچىلىقنى تۈگىتىپ، شياڭگاڭنىڭ خەلقئارادىكى ئوبرازىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش. سەي گۇەنشېن جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە ساقچى ئەترىتىنى قوللاپ، شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىللىقىنى قوغدىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

سەي گۇەنشېن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ ئالاھىدە رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە ساقچى ئەترىتىگە ئىشەنچىمىز بولۇشى كېرەك، ئۇلارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىش ئىقتىدارى بار. سوت مەھكىمىلىرىمىزمۇ بۇ مەسىلىلەرگە ئادىل مۇئامىلە قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئىش بولسا، مەيلى ئۇ قانداق ئادەم بولسۇن، قانۇن بويىچە جازالىشى كېرەك، مېنىڭچە بۇ زوراۋانلىقنى، قالايمىقانچىلىقنى توسۇشتا قاتتىقراق بولۇش شۇنداقلا شياڭگاڭنىڭ قانۇنچىللىقىنى قوغداش كېرەك، بۇ ئىنتايىن مۇھىم.

中央广播电视总台 央广网 版权所有