ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

كۈزلۈك ئىشتانلىرىڭىزنى تەييارلاڭ! بۈگۈن شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر ياغىدۇ

مەنبەسى:تىيانشان تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-09-11 14:56

شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرى كۈز كىرگەندىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك سوغۇق ھاۋانى كۈتۈۋالدى، تېمپېراتۇرا كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، قىسمەن تاغلىق رايونلاردا قار ياغدى.

9-ئاينىڭ 10- كۈنىدىكى يامغۇردىن كېيىن، 9- ئاينىڭ 11- كۈنى شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا يامغۇر ياغىدىكەن، تېمپېراتۇرا 9- ئاينىڭ 10- كۈنى بىلەن زور دەرىجىدە پەرقلەنمەيدىكەن. غۇلجا شەھىرى، بورتالا شەھىرى، سانجى شەھىرىدە 9- ئاينىڭ 11- كۈنى ئازراق يامغۇر ياغىدىكەن؛ ئالتاي شەھىرى، چۆچەك شەھىرى، قاراماي شەھىرى، كۈيتۈن شەھىرىدە ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن؛ شىخەنزە شەھىرىدە ئوتتۇراھال يامغۇر ياكى ئۆتكۈنچى يامغۇر ياغىدىكەن. جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا يامغۇر ياغىدىكەن.

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃16 ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃9 بولۇپ، 4~3 بالغىچە غەربىي شىمال شامىلى چىقىدىكەن.

中央广播电视总台 央广网 版权所有