ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ تىرامپنىڭ تېلېفون ۋەقەسىنى تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىشنى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 10:04

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى 10-ئاينىڭ 7-كۈنى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە خامچوت ئىدارىسىگە ئايرىم-ئايرىم چاقىرىقنامە ئەۋەتىپ، ئۇلاردىن تەلەپ بويىچە زۇڭتۇڭ تىرامپنىڭ «تېلېفون» ۋەقەسىگە ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇپ، ئاۋام پالاتاسىنىڭ تىرامپنى ئەيىبلەش تەكشۈرۈشىگە ماسلىشىشنى تەلەپ قىلدى.

بۇ ئىككى پارچە چاقىرىقنامىنى ئاۋام پالاتاسى ئاخبارات كومىتېتى دىپلوماتىيە كومىتېتى، نازارەت قىلىش ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن ئىمزا قويۇپ تارقىتىپ، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، مەمۇرىي باشقۇرۇش ۋە خامچوت ئىدارىسىدىن 10-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇرۇن ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇپ، ئۇلارغا ئاق ساراينىڭ بۇندىن ئىلگىرى ئۇكرائىناغا ھەربىي ياردەم بېرىشنى توڭلىتىشنىڭ سەۋەبى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئاق ساراي، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى، تىرامپنىڭ شەخسى ئادۋوكاتى جۇلىئاننى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئاۋام پالاتاسى تارقاتقان «چاقىرقنامىنى تاپشۇرۇپ ئالغان، مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ پېنسىنىڭمۇ ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشى تەلەپ قىلىندى. لېكىن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى يېقىندا ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەتنى قولدىن بېرىپ قويدى.

بۇ يىل 8-ئايدا ئامېرىكا ئاخبارات ساھەسىدىكى بىر ئەرباب تىرامپ 7-ئايدا ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىي بىلەن تېلېفونلاشقاندا قارشى تەرەپتىن ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبى، ئامېرىكىنىڭ سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى بىدىن ۋە ئۇنىڭ ئوغلىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. بۇ ۋەقەنىڭ تەسىرىدە پارلامېنت ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نانسى پېلوسى 9-ئاينىڭ 24-كۈنى تىرامپنى ئەيىبلەپ تەكشۈرۈشنى جاكارلاپ، تىرامپنىڭ قىلمىشى ئامېرىكىنىڭ سايلام ئادىللىقىغا، دۆلەتنىڭ خەۋپسىزلىكىگە تەھدىت سالدى دەپ بېكىتتى. لېكىن بۇ ئىش ئاۋام پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلمىدى.

تىرامپ، ئۆزىنىڭ ئۇكرائىنا تەرەپتىن بىدىن بىلەن ئۇنىڭ ئوغلىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلىشنىڭ سىياسىي بىلەن مۇناسىۋەتسىز بولۇپ، پەقەت چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئەيىبلەش تەكشۈرۈشى ماڭا قىلىنغان سىياسىي زىيانكەشلىك دەپ قايتا-قايتا ئەيىبلىدى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有