ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ مۇھاكىمە يىغىنى پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 18:09

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مۇخبىرنىڭ 10-ئاينىڭ 9-كۈنى جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىياسەت، قانۇن-نىزام ئۆلچىمى مۇھاكىمە يىغىنى 10-ئاينىڭ 17-ۋە 18-كۈنلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش» يىغىننىڭ باش تېمىسى قىلىنىدىكەن، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش سىياسەت قانۇن نىزام ئۆلچىمى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ ۋە ھەمكارلىشىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسەت قىلىنىدىكەن.

بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلىش مۇراسىمى، باش مەقسەت نۇتقى ۋە مەخسۇس تېمىلىق نۇتۇقتىن تەركىب تاپىدۇ. مەخسۇس نۇتۇقتا ئۈچ جەھەتكە نۇقتىلىق ئەھمىيەت بېرىلىپ،«تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر قانۇن ۋە سىياسەت » مەخسۇس تېمىسىدا تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەشكە دائىر قانۇن سىستېمىسى، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش سىياسىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمى، تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش قاتارلىق قارالمىلاردا مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有