ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە مەملىكەت بويىچە قەرەللىك مال بازىرىدا پۈتۈشۈش مىقدارى ئوخشاش

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 18:10

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو قەرەللىك مال كەسپى جەمئىيىتى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى كەچتە سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ پەسلىدە مەملىكەت بويىچە قەرەللىك مال بازىرىدا جەمئىي پۈتۈشۈش مىقدارى ۋە پۈتۈشۈش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 تىن ئارتۇق ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە پۈتۈشۈش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.23، پۈتۈشۈش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.68 ئاشتى.

سانلىق مەلۇماتتىن قارىغاندا، گەرچە 9-ئايدا بايرام ئۈنۈمىنىڭ تەسىرىدە، پۈتۈشۈش مىقدارى، پۈتۈشۈش سوممىسى بىر قەدەر روشەن تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئالدىنقى ئۈچ پەسىلنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن قارىغاندا، 1-ئايدىن 9-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە قەرەللىك مال بازىرىدا جەمئىي پۈتۈشۈش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30.23 ئاشقان؛ 1-ئايدىن 9-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە قەرەللىك مال بازىرىدا جەمئىي پۈتۈشۈش سوممىسى 214 تىرىليون 320 مىليارد يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.68 ئاشقان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有