ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگونىڭ يەر شارىدىكى رىقابەت كۈچىنىڭ ئۇنىۋېرسال نەتىجىسى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆرلىگەن

مەنبەسى:     |تەھرىر:ئېلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 18:11

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى ئېلان قىلغان 2019-يىللىق «يەر شارىنىڭ رىقابەت كۈچى دوكلاتى» دىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگونىڭ يەر شارى رىقابەت كۈچى بويىچە ئۇنىۋېرسال باھالاش رەت تەرتىپى 28-ئورۇندا بولۇپ، ئۆتكەن يىلقى بىلەن تەڭ بولغان، ئەمما ئۇنىۋېرسال نەتىجىسى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆرلىگەن.

بۇ ئەڭ يېڭى دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، كۆڭۈلدىكىدەك ھالەتنى 100 نومۇر دەپ ھېسابلىساق، باھالاشقا كىرگۈزۈلگەن 141 ئىقتىسادى گەۋدە ئىچىدە ئەڭ يۇقىرى نومۇر 84.8، ئەڭ تۆۋەن نومۇر 35.1، ھەر قايسى ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە نومۇرى 60.7 بولىدۇ. جۇڭگونىڭ ئەڭ يېڭى ئېرىشكەن نومۇرى 73.9 بولۇپ ئۆتكەن يىلقىدىن 1.3 نومۇر ئۆرلىگەن.

دوكلاتتىن ئايان بولۇشىچە، جۇڭگونىڭ بازار كۆلىمى، ماكرولۇق ئىگىلىكنىڭ مۇقىملىقى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى، ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىش قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەردە ئېرىشكەن نومۇرى ئالدىدا بولۇپ، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق كۆرسەتكۈچلەردىمۇ ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولغان.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有