ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكا ئاق سارىيى، ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەر بىلەن ئەيىبلەشنى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 18:14

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئامېرىكا ئاق سارىيى 10-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاۋام پالاتاسىدىكى دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەر بىلەن ئەيىبلەش توغرىسىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ «2016-يىللىق زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنغان» قانۇنسىز پارتىيە-گۇرۇھلار ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئاق ساراينىڭ ئادۋوكاتى پاتېر سىپولون ئىمزا قويغان 8 بەتلىك خەتتە مۇنداق دېيىلدى: ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پېلوسىنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن ھەرىكىتى زۇڭتۇڭنى ئامالسىز قالدۇردى. بۇ خىل ئەھۋالدا، زۇڭتۇڭ تىرامپ ئامېرىكا خەلقى، ئاساسىي قانۇن، مەمۇرىي تارماقلاردىكى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، ئۇ ۋە ئۇ رەھبەرلىك قىلغان ھۆكۈمەت پارتىيەڭلار يېتەكچىلىكىدىكى ئەيىبلەش توغرىسىدىكى تەكشۈرۈشكە قاتنىشالمايدۇ.

بۇ خەت تارقىتىلىشتىن بىر نەچچە سائەت بۇرۇن، ئامېرىكا ئاق سارىيى «تېلېفون» ۋەقەسىنىڭ ئاساسلىق گۇۋاھچىسى، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى گوردون ساندېرلاندنىڭ ئاۋام پالاتاسىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشنى توستى. دېموكراتلار پارتىيەسى مۇنداق دېدى: ئاق ساراينىڭ بۇ قىلمىشى ئەيىبلەش تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىق. لېكىن تىرامپ، دېموكراتلار پارتىيەسىدىكىلەر مېنى تەختتىن چۈشۈرۈش سۇيىقەستى بىلەن شۇغۇللانماقتا دېدى.

«نىيۇيورۇك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ ئوبزورىدا مۇنداق دېيىلدى: ئاق ساراينىڭ ئەڭ يېڭى ھەرىكىتى ئامېرىكىنىڭ ئاساسىي قانۇن بىلەن ھۆكۈمەت توقۇنۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى، بۇ قانۇن چىقىرىش ئورگانلىرى بىلەن مەمۇرىي تارماقلار ئوتتۇرىسىدىكى جىددىي مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋېتىدۇ ھەمدە ئىككى پارتىيەنىڭ توقۇنۇشى ۋە قارشىلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋىتىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有