ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوت مۇداپىئە قۇتقۇزۇش قوشۇنى 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق جىددىي قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى تاماملىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-07 16:01

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جىددىي ۋەقەلەرنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، ئاخبارات تەشۋىقات مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شېن جەنلى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوت مۇداپىئە قۇتقۇزۇش قوشۇنى تەشكىللەنگەن بىر يىلدىن بۇيان، 1 مىليون 200 مىڭدىن ئارتۇق جىددىي قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، 660مىڭدىن ئارتۇق خەتەرگە يۇلۇققان كىشىنى قۇتقۇزۇپ تارقاقلاشتۇردى.

شېن جەنلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئوت مۇداپىئە قۇتقۇزۇش قوشۇنى مەملىكەت بويىچە رايونلارغا ئايرىپ نۇقتا بويىچە 27 يەر تەۋرەش، تاغ، سۇ، ھاۋا خىزمىتى كەسپىي قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە ئالتە دۆلەت ھالقىغان ئورمان، ئوتلاق ئوت ئۆچۈرۈش قوشۇنى بولۇپ تەشكىللىنىپ، كەڭ كۆلەمدە مەشىق قىلىش، ماھارەت سىنىشىش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، سۈپەت ۋە ئىقتىدارنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىلمىي قوماندانلىق قىلىش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇتقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.


中央广播电视总台 央广网 版权所有