ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكى ھەقىقىي يېنىكلىتىلىشى كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەد|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-07 17:44

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش جەمئىيەتتە يەنە بىر قېتىم قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈ ۋېييۆ 11-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاخباراتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يۈكنى يېنىكلىتىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاساسلىقى ئوتتۇرا ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇش مەسىلىسىگە قارىتىلىپ ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى تەرتىپكە سېلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مەكتەپنىڭ ئادەم تەربىيەلەش سەۋىيەسى ئۆستۈرۈلۈپ، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت ياخشى ئىشلىنىدۇ.

يۈ ۋېييۆ مۇنداق دەپ قارىدى: ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش، ئاددىي ھالدا ۋاقىتنى قىسقارتىش، تاپشۇرۇق مىقدارىنى ئازايتىش، دەرسنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىشلا بولماستىن، بەلكى كۆپەيتىشكە تېگىشلىكلىرى كۆپەيتىلىپ، ئازايتىشقا تېگىشلىكلىرى ئازايتىلىپ، ئىمتىھاننى كۈچەيتىش، ماشىنىدا ئىمتىھان بېرىش، دەرستىن سىرت ئالدىن ئۆلچەمدىن ئاشۇرۇپ تەربىيەلىنىش قاتارلىق نامۇۋاپىق يۈكلەر يېنىكلىتىلىپ، مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلۈپ، ئەخلاقى، جىسمانىي ۋە گۈزەللىك. تەربىيەسى بىلەن ئەمگەك ئەمەلىيىتى يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيەلەش قىزغىنلىقى قوزغىتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي، گۈزەللىك ۋە ئەمگەك جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇنۇشى كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有