ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سودا مىنىستىرلىقى بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتى بىرلىكتە «2019-يىللىق دۇنيا سودا دوكلاتى»نىڭ (خەنزۇچە نۇسخىسى)نى ئېلان قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-07 18:18

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سودا مىنىستىرلىقى بىلەن دۇنيا سودا تەشكىلاتى 11-ئاينىڭ 6-كۈنى شاڭخەي دۆلەت كۆرگەزمە مەركىزىدە بىرلىكتە «2019-يىللىق دۇنيا سودا دوكلاتى»نىڭ (خەنزۇچە نۇسخىسى)نى ئېلان قىلدى. بۇ جۇڭگونىڭ ئۇدا ئىككى يىل ئىمپورت كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە ئېلان قىلغان دۇنيا سودا دوكلاتىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى بولۇپ، جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوللاشتىكى قەتئىي مەيدانىنى نامايان قىلدى.

بۇ يىلقى بۇ دوكلاتتا مۇلازىمەت سودىسىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا نۇقتىلىق دىققەت قىلىندى، دوكلاتتا ئالاھىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: مۇلازىمەت سودىسى دۇنيا سودىسىدا بارغانسېرى مۇھىم ئورۇننى ئىگىلىمەكتە، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيا ئىقتىسادىغا ئىنتايىن مۇھىم تەسىر كۆرسەتمەكتە، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سودىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى مۇراجىئەت قىلىمىز.

中央广播电视总台 央广网 版权所有