ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى جەنشۇ چېخ ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى ۋوندىراچېك بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-07 18:18

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 11-ئاينىڭ 7-كۈنى خەلق سارىيىدا چېخ ئاۋام پالاتاسىنىڭ رەئىسى ۋوندىراچېك بىلەن كۆرۈشتى.
لى جەنشۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن چېخ ئەنئەنىۋى دوست دۆلەتلەر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشتا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭ 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم نۇتۇق سۆزلەپ ، جۇڭگو ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىدۇ، دەپ تەكىتلىدى، بۇ جۇڭگو- چېخ ھەمكارلىقىغا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، تەڭ ئۇتۇق قازىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن چېخنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى چېخ پارلامېنتى بىلەن ئالاقىلىشىش ۋە سۆزلىشىشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.

ۋوندىراچېك مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىدە سۆزلىگەن نۇتقى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. چېخ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋە ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش مۇھىم پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى قاتلاملىقلار ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگودا بازار ئېچىشنى خالايدۇ. چېخ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرىدۇ.

بەيما چىلىن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى. 







中央广播电视总台 央广网 版权所有