ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى جەنشۇ سىپرۇسنىڭ پارلامېنت باشلىقى بىلەن سۆھبەتلەشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-07 18:25

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ 11-ئاينىڭ 6 -كۈنى خەلق سارىيىدا سىپرۇس پارلامېنتىنىڭ باشلىقى سىلۇرىس بىلەن سۆھبەتلەشتى. لى جەنشۇ سىلۇرىسنىڭ جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ھەمدە 2-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە قاتناشقانلىقىنى قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ ئاناستاسىياسنىڭ ئورتاق يېتەكچىلىكىدە،جۇڭگو بىلەن سىپرۇسنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنچى مۇستەھكەملىنىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا پائال ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، جۇڭگو بىلەن سىپرۇسنىڭ دوستلۇقى كىشىلەر قەلبىدىن تېخىمۇ چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. لى جەنشۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى جۇڭگونىڭ ئىشىكنى كەڭ ئېچىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەۋزەل مەھسۇلاتلارنى تونۇشتۇرۇشى، جۇڭگو بازىرىنى ئېچىشىنى قارشى ئالىدىغان كاتتا مەرىكە. رەئىس شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلەپ، دۇنياغا يەنە بىر قېتىم « ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازانىڭ بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلىدىغانلىقى » دىن ئىبارەت جۇڭگو ئاۋازىنى ياڭراتتى. جۇڭگو سىپرۇس بىلەن بىرلىكتە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىق سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىدىكى كۆۋرۈكنى ياخشى سېلىپ، جۇڭگو بىلەن سىپرۇسنىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىدا يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى سىپرۇس پارلامېنتى بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قانۇن كاپالىتى ۋە مەدىتىگە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ. لى جەنشۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى : جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنى ئەمدىلا ئېچىپ، دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇردى. جۇڭگو كومپارتىيەسى خەلقنىڭ ئارزۇسى، دەۋر قەدىمى، دۇنيا ئېقىمىغا ئاساسەن داۋاملىق دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك تۈزۈملىرىدە ئۆز - ئۆزىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۇنيا بىلەن مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى بىرلەشتۈرۈپ ۋە تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى تۇتاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈم ئەۋزەللىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ.

سىلۇرىس مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2- نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى يىغىنىدا قىلغان سۆزى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش يېڭى تەدبىرى سىپرۇسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ زور تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. سىپرۇس پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ. جاڭ چۈنشيەن سۆھبەتكە قاتناشتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有