ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مۇھەممەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-08 14:39

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاينىڭ 6-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، نۆۋەتتىكى يېزا ئىگىلىك خىزمىتى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، يېزا ئىگىلىك ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىپ، باھانى مۇقىملاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى، «رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى»نىڭ ئاخىرقى خىزمەتلىرىنى ياخشى ئىشلەپ، تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىشقا تۈرتكە بولۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جايلار ۋە ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي سەۋىيەسى مۇقىم بولدى، پۈتۈن يىلدا ئاشلىقتىن يەنە ھوسۇل ئېلىندى، مەھسۇلات مىقدارى ئۇدا بەش يىل مۇقىم بىر تىرىليون 300 مىليارد جىڭدىن ئېشىپ كەلدى، گۆش ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەدبىرى تېز ئەمەلىيلەشتى، مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەپچىقىرىشى مۇقىم بولدى، ئەمما قىسمەن كۆكتات مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى بىرقەدەر تېز ئۆرلەپ، ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر يەتتى، كېيىنكى قەدەمدە بىرىنچىدىن، ئومۇمىي ئىشلارغا ئۆلكە باشلىقى مەسئۇل بولۇش، كۆكتات قۇرۇلۇشىغا شەھەر باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ گۆش ئىشلەپچىقىرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، جايلارنىڭ نامۇۋاپىق بولمىغان بېقىشنى چەكلەش بەلگىلىمىسىنى چوڭقۇر ئېنىقلاپ، شىمالنىڭ كۆممىقوناقتىن ھوسۇل ئېلىش شارائىتىدىن پايدىلىنىپ جەنۇبتىكى باقمىچىلىق ئۆلكىلىرىنى يەم خەشەك بىلەن تەمىنلەشكە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، قۇش گۆشلىرى، كالا، قوي گۆشلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا تۈرتكە بولۇپ، بازار تەمىناتىغا ھەقىقى كاپالەتلىك قىلىپ، قىسمەن مەھسۇلاتلار باھاسىنىڭ ھەددىدىن تېز ئۆرلىشىنى توسۇش كېرەك، جەمئىيەت قۇتقۇزۇش ۋە كاپالەتلىك قىلىش ئۆلچىمى بىلەن مال باھاسىنىڭ ئۆرلىشىنى بىر-بىرىگە باغلاش مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئاساسى تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش لازىم. ئىككىنچىدىن، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى قەتئىي بوشاشماي ياخشى تۇتۇپ، تاماق قاچىمىزنى قولىمىزدا قەتئىي چىڭ تۇتۇشىمىز، كۈزلۈك، قىشلىق تېرىم، قىش ئۆتەر زىرائەتلەرنى باشقۇرۇش ۋە جەنۇبتىكى قىسمەن رايونلارنىڭ قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىقتا ئاپەتتىن مۇداپىئە كۆرۈش، ئاپەتنىڭ زىيىنىنى ئازايتىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، كېلەر يىلى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتىدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، مال باھاسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى كۆپەيتىش ئاساسىنى پۇختىلاش كېرەك، ئۈچىنچىدىن، بۇ يىل قىش، كېلەر يىلى ئەتىيازدا ئېتىز ئېرىق سۇچىلىق قۇرۇلۇشى بولۇپمۇ ئاپەتتە بۇزۇلغان قۇرۇلۇشلارنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شارائىت ھازىرلىغان زور سۇچىلىق قۇرۇلۇشلىرىدا قۇرۇلۇش باشلاشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك، تېرىلغۇ يەرلەرنى قوغداش، يەرنىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، 2022-يىلىغىچە بىر مىليارد مو يۇقىرى ئۆلچەملىك دېھقانچىلىق ئېتىزى بەرپا قىلىپ، بىر تىرىليون جىڭدىن ئارتۇق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا مۇقىم كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، بىزنىڭ دانلىق زىرائەتتە ئۆزىمىزنى ئاساسەن قامداش ۋە نورمىنىڭ مۇتلەق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىمىز بار.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 7 يىل جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق، يېقىندا شەرقىي ئاسىيا ھەمكارلىقى رەھبەرلەر يۈرۈشلۈك يىغىنى ئېچىلغان مەزگىلدە رايون ئومۇميۈزلۈك ئىقتىسادى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كېلىشىمى تۈزگۈچى 15 ئەزا دۆلەت بارلىق مەزمۇنلاردىكى سۆھبەت شۇنداقلا ماھىيەتتە بارلىق بازار ئىجازىتى سۆھبىتىنى ئاياغلاشتۇردى، بۇ دۇنيادا قاپلانغان نوپۇس ئەڭ كۆپ، ئەزالار قۇرۇلمىسى ئەڭ كۆپ مەنبەلىك، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ چوڭ ئەركىن سودا رايونى قۇرۇلۇشىدا زور بۆسۈش بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ دۇنيانىڭ كۆپتەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىگە نىسبەتەن كۈچلۈك قوللاش ۋە پايدىلىق تولۇقلاش ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇ ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچى، ئوخشاش بولمىغان تۈزۈم تۈزۈلمىسىدىكى دۆلەتلەر ئارا ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈپ، تەڭ ئۇتۇق قازىنىشتەك ئەركىن سودا ئورۇنلاشتۇرۇشى ئېلىپ بېرىشىغا ئۈلگە تىكلەپ بېرىدۇ، شۇنداقلا بۇ بازارنىڭ ئىشەنچىسىنى ئۇرغۇتۇش، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇشقا پايدىلىق، كېيىنكى قەدەمدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاز مىقداردىكى قالدۇق مەسىلىلەرنى كېڭىشىشنى بالدۇرراق تاماملىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، ئالاقىدار تارماقلار ماسلاشتۇرۇپ، ماسلىشىپ، يىل ئىچىدە كېيىنكى خىزمەتلەرنى ئورۇنداپ، ئالاقىدار ئىسلاھاتلارغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك، كارخانىلارنىڭ پۇرسەتنى تۇتۇپ خەلقئارا رىقابەت ۋە ھەمكارلىققا قاتنىشىشىغا ئىلھام بېرىش لازىم، تېخىمۇ كۆپ دۆلەت سودىگەرلىرىنىڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا كېلىشىمى ئىمزالىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش داۋامىدا ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن تەڭ ئۇتۇق قازىنىپ، تەرەققىي قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有