ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

4-ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنى سەپەرۋەر قىلىش يىغىنى ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-11-08 14:44

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 11-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى سەپەرۋەرلىك يىغىنى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى مۇھىم سۆزلىرىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشكە ئەستايىدىل، ياخشى تەشكىللەپ، قاتلامغا، تۈرگە بۆلۈپ تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەشنى قاراتمىلىق ھالدا ياخشى قىلىپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ تۆت ئاڭنى تېخىمۇ ياخشى كۈچەيتىشى، تۆت ئىشەنچنى تېخىمۇ ياخشى چىڭىتىشى، ئىككىنى قوغداشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەر، ئومۇمىي يىغىن باش تېمىسىنىڭ زور ئەھمىيىتى، ئومۇمىي يىغىن قارارىنىڭ پارتىيە ئىچى دېموكراتىيەسىنى جارى قىلدۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى مەركەزلەشتۈرۈشنىڭ جەۋھىرى ئىكەنلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، باش نىشانى، زور تەدبىرلىرى، پارتىيەنىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش تەلىپىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈش كېرەك. لېكسىيە سۆزلەشكە قاتناشقان يولداشلار ئەستايىدىل دەرس تەييارلاپ، نۆۋەتتە كادىرلار ۋە ئامما ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، يۈزمۇ-يۈز لېكسىيە سۆزلەپ، ئومۇمىي يىغىن روھىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئەتراپلىق چۈشەندۈرۈشى لازىم.

خۇاڭ كۈنمىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. مەركەز تەشۋىقات-ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى، مەركەزدىكى تەشۋىقات، مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有