ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش شياڭگاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيەسى قانۇن لايھەسىنى قانۇنغا ئايلاندۇرۇشى شياڭگاڭ خەلقىنىڭ ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى تەرز قىلغانلىق

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 10:56

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شياڭگاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «شياڭگاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيەسى قانۇن لايىھەسى»گە ئىمزا قويۇپ ئۇنى قانۇنغا ئايلاندۇرۇشى، ئوچۇقتىن ئوچۇق زوراۋانلارغا يەل بەرگەنلىك، شياڭگاڭ شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كىشلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى تەرز يەتكۈزگەنلىك.

شياڭگاڭ جۇڭخۇا ئېكسپورت ئىمپورت سودا جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى لىن لۇڭئەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا قوپاللىق بىلەن ئارىلىشىشى شياڭگاڭنىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توسۇش. ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «شياڭگاڭنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيەسى قانۇن لايىھەسى»نى ماقۇللىشىنىڭ مەقسىتى ئەمەلىيەتتە شياڭگاڭدىكى ئايرىم تاموژنا بېجى رايونىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش. شياڭگاڭنىڭ دۇنيا سودا مەركىزى، دۇنيا پۇل مۇئامىلە مەركىزى، دۇنيا دېڭىز قاتنىشى مەركىزى بولۇشتەك ئەۋزەللىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش. لېكىن بۇ ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭدىكى شىركەتلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇ تىپىك ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپقانلىق، ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ زىيان يەتكۈزگەنلىك. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى، شياڭگاڭنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشى كېرەك، بىز مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، قەتئىي قارشى تۇرۇشىنى قوللايمىز.

شياڭگاڭ خەنزۇ تىلى داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ جاۋجيا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا بۇ ئاتالمىش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، جۇڭگونىڭ شياڭگاڭدىكى ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئاشكارا ئىغۋاگەرچىلىك قىلدى، ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى شياڭگاڭدىكى نامايىش قىلغۇچىلارغا ئىلھام ياكى مەدەت بېرىپ، شياڭگاڭنى جۇڭگونى چەكلەيدىغان پىشكىگە ئايلاندۇرماقچى بولدى، بۇ جۇڭگونىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زور تەھدىت سالغانلىق. ئامېرىكىنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى شياڭگاڭدا مالىمانچىلىق پەيدا قىلىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا پۇتلىكاشاڭ بولۇش، جۇڭگو بۇنىڭغا تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ئامېرىكىنىڭ بۇ تەدبىرى چوقۇم ئەكسىچە نەتىجە بېرىدۇ.

中央广播电视总台 央广网 版权所有