ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى-تېخىمۇ ياخشى ئىجتىمائىي تۈزۈم ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ جۇڭگو لايىھەسى»

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 15:20

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

پارتىيە 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4-ئومۇمىي يىغىنىدا، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ 13 جەھەتتىكى كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى سىستېمىلىق يەكۈنلىنىپ، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىدا، «نېمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەش، نېمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش» كېرەكلىكىدىن ئىبارەت بۇ زور سىياسىي مەسىلىگە ئومۇميۈزلۈك جاۋاب بېرىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىز ئېيتقان تۈزۈم ئىشەنچىسىدە چىڭ تۇرۇش-بىر ئىزدىلا توختاپ قېلىش بولماستىن، بەلكى تۈزۈلمە مېخانىزم نۇقسانلىرىنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ، بىزنىڭ تۈزۈمىمىزنى پىشىپ يېتىلدۈرۈش ھەم ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت دەپ تەكىتلىدى.

تۈزۈم ئەۋزەللىكى-بىر دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئەۋزەللىكى. جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى كۆپ پارتىيەلەر ھەمكارلىقى بىلەن غەربنىڭ پارتىيە تۈزۈمىنى قانداق سېلىشتۇرۇش كېرەك؟ تۇڭجى داشۆسى مالىيە-ئىقتىساد تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى شى جيەنشۈن مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ئاساس، شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز يەنە كۆپ پارتىيەلەر ھەمكارلىقىنى قوللاندۇق، بۇنداق بولغاندا، بىر پارتىيە ئۇزۇن مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش بىپەرۋالىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. غەربنىڭ پارتىيەلىرى ھاكىمىيەت بېشىغا چىقىش ئۈچۈن قىسقا مۇددەتلىك ھەرىكەت قوللانغان چاغدا، جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىرى پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى يېتەكلەپ بەش يىللىق پىلان، ئون يىللىق پىلان، زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنىڭ 30 نەچچە يىللىق پىلانىنى تۈزدى. بۇ ئارقىلىق ھەم خەلقنىڭ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتى قاندۇرۇلدى ھەم ئۇزاق مۇددەتلىك مەنپەئەتى ئويلىشىلدى، مانا بۇ بىزنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكىمىز.

پارتىيە رەھبەرلىك قىلىش، خەلق ئۆز ئىشىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ يۈكسەك بىرلىكى-نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ بىر تۈزۈم ئەۋزەللىكىمىزگە ئايلاندى؟ شى جيەنشۈن مۇنداق دېدى: خەلقنىڭ ئارزۇسى-پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە گەۋدىلىنىدۇ، پارتىيە خەلققە ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پارتىيە ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن رامكىسىدا دۆلەتنى ئىدارە قىلىدۇ ھەم دۆلەتكە رەھبەرلىك قىلىدۇ، بۇنداق ئۈچ جەھەتتىكى يۈكسەك بىرلىككە ھەم خەلقنىڭ ئىرادىسى ۋە خەلقنىڭ پاراسىتى مەركەزلەشتۈرۈلگەن ھەم خەلق ئاممىسىنىڭ ئاكتىپلىقى تولۇق قوزغىتىلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە، قانۇن تەرتىپى ئاستىدا دۆلەت ئىدارە قىلىنغان ھەم باشقۇرۇلغان، شۇڭا، بۇنداق يۈكسەك بىرلىك پۈتۈن دۇنيادىمۇ يوق.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئەمدىلا ئاياغلاشقاندا، ئامېرىكىلىق ئالىم فىرانسىس فۇكۇياما «تارىخنىڭ ئاخىرلىشىشى» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى، شەرقىي ياۋروپادىكى كەسكىن ئۆزگىرىش-كوممۇنىزم ھەرىكىتىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بەردى، بارلىق دۆلەتلەرنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدا ماڭغىلى بولىدىغان پەقەت بىرلا يول قالدى، ئۇ بولسىمۇ غەربنىڭ بازار ئىگىلىكى ۋە دېموكراتىك سىياسىيسى دەپ ھېسابلىغان. يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا، جۇڭگونىڭ تېز سۈرئەتتە قەد كۆتۈرۈشى ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولۇشىغا ئەگىشىپ، فىرانسىس فۇكۇياما ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتتى، ئۇ غەربنىڭ ئەركىن دېموكراتىيەسى-ئىنسانىيەت تارىخى تەدرىجىي تەرەققىياتىنىڭ ئاخىرقى پەللىسى بولماسلىقى مۇمكىن، ئىنسانىيەتنىڭ ئىدىيە خەزىنىسى-جۇڭگونىڭ ئەنئەنىسى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ئورۇن ئېلىپ قويدى دېدى.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ بىر كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى-دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىدىن ئىبارەت. بىزنىڭ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىمىز بىلەن غەربچە دېموكراتىيەنىڭ زادى قانداق ئوخشىماسلىقى بار؟ شى جيەنشۈن مۇنداق دېدى: غەرب بىلەن سېلىشتۇرغاندا، بىزنىڭ دېموكراتىك مەركەزلەشتۈرۈشىمىز-تولۇق جەريانلىق دېموكراتىيە بولۇپ، ھەم دېموكراتىيە بولغان ھەم مەركەزلەشتۈرۈش بولغان بىر خىل تۈزۈم. بىر ئادەم بىر ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق، نۇرغۇن ئىشلارنى ھەل قىلالمايدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقمايدۇ شۇنداقلا ئاددىي كۆپ سانلىقلار ئارقىلىق، ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىغا ئوخشاش، %51 ئاۋازنىڭ قۇۋۋەتلىشى، %49 ئاۋازنىڭ قۇۋۋەتلىمەسلىكى سەۋەبىدىن، %49 ئادەمنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتى قوغدالمايدىغان ۋە كاپالەتكە ئېرىشەلمەيدىغان ئەھۋال كېلىپ چىقمايدۇ، لېكىن بىزنىڭ دېموكراتىيە ۋە مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىمىز ئەڭ زور دەرىجىدە خەلقنىڭ ئىرادىسىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. بۇنداق قىلىش ئارقىلىق، ھەل قىلغۇچ تەدبىرنى تېزدىن بەلگىلەش بىر تۇتاش ھەل قىلىندى شۇنداقلا ھەل قىلغۇچ تەدبىر ئىلمىي قارار قىلىندى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى-تېخىمۇ ياخشى ئىجتىمائىي تۈزۈم ئۈستىدە ئىزدىنىشنىڭ جۇڭگو لايىھەسى»

باش شۇجى شى جىنپىڭ بىز ئېيتقان تۈزۈم ئىشەنچىسىدە چىڭ تۇرۇش-بىر ئىزدىلا توختاپ قېلىش بولماستىن، بەلكى تۈزۈلمە مېخانىزم نۇقسانلىرىنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ، بىزنىڭ تۈزۈمىمىزنى پىشىپ يېتىلدۈرۈش ھەم ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشتىن ئىبارەت دەپ تەكىتلىدى.