ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خېنەن ئۆلكىسى مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ كوزىرىنى بەرپا قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 16:27

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ قېتىم خېنەنگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ: ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ ئەۋزەللىكنى، كوزىر ماركىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، دەپ تەكىتلىدى. خېنەن ئۆلكىسى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى باشتىن-ئاخىر تۈرلۈك خىزمەتلەردە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق ئۈستىلىگە تىرىشپ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك خېنەن ئاشلىقىنى چىقاردى.

قىش كىرگەندىن بۇيان، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونىنىڭ تېمپىراتۇرىسى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن سەل يۇقىرى بولدى، تۇپراقنىڭ نەملىكىنى ساقلاش ئۈچۈن، ئىككى كۈندىن بۇيان، خېنەن ئۆلكىسى ۋۇجى ناھىيەسى چياۋمياۋ بازىرىدا، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقان ۋاڭ فۇجۈن بۇغداينى سۇغۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. ئۇ ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي تېرىشنىڭ پايدىسىنى كۆرۈپ، بۇ يىل 300 مو يەرنى كۆپ ئوبوروت قىلىپ، تېرىلغۇ كۆلىمىنى 3000 موغا يەتكۈزدى. ھازىر ئۇ ناھايىتى خۇشال، نەچچە يىل ئىلگىرى ئوخشاشلا مول ھوسۇل ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئاشلىق سېتىشتا ھەمىشە قىيىنچىلىققا ئۇچرايتتى. ۋاڭ فۇجۈن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ئادەتتىكى بۇغداينى تېرىيتىم، چوڭ ئۇن زاۋۇتلىرى ئالمايتتى، باھاسى يۇقىرى ئەمەس ئىدى.

لېكىن، ۋاڭ فۇجۈننىڭ ئۆيىگە 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان ۋۇجى ناھىيەسىدىكى ئەڭ چوڭ يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىسى ئاشلىق سېتىۋېلىشتا قىينىلىپ قالدى. خېنەن سىمېيتې يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى گو جىنچاڭ مۇنداق دېدى: كەسمە چۆپ ۋە تەييار چۆپ ئىشلەپچىقىرىشقا بىر قىسىم چىڭ تالالىق ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي كېتىدۇ، بىزنىڭ بۇ يەردىن بۇ خىل ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينى سېتىۋالالمايمىز، ھەر يىلى يەنە سىرتتىن 20 مىڭ توننىدىن 30 مىڭ توننىغىچە سېتىۋېلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ.

تېرىغۇچىلار ئاشلىق بولغان بىلەن سېتىشتا بېشى قاتاتتى، سېتىۋالغۇچىلار ئەلا سۈپەتلىك ئاشلىق سېتىۋالالماسلىقتىن غەم قىلاتتى. بىر قىسىم كارخانىلار ھەتتا چەتئەلدىن ئىمپورت قىلاتتى. خېنەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىك، يېزا نازارىتى ئاشلىق باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ ياجۈن مۇنداق دېدى: بۇلار ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت يېزا ئىگىلىكىمىزنىڭ چوڭ، ئەمما كۈچلۈك ئەمەسلىكى، كۆپ ئەمما ئەلا سۈپەتلىك ئەمەسلىكىنى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلمىسىدىكى تەڭپۇڭسىزلىق مەسىلىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.

خېنەندە يىل بويى 85 مىليون مودىن كۆپرەك بۇغداي تېرىلىدۇ، مەھسۇلات مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ. قانداق قىلغاندا ھەم ئاشلىقتىن مۇقىم ھوسۇل ئالغىلى، ھەم سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ؟ باش شۇجى شى جىنپىڭ خېنەنگە يۆنىلىش بەلگىلەپ بەردى. باش شۇجى خېنەن ئۆلكىسىگە «مەۋقەنى مەملىكەت بويىچە ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىكى يادرولۇق رايون بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت نىشان ۋە ۋەزىپىگە قارىتىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە يېڭى يول ئېچىپ، يېڭى بوشلۇقنى قېزىپ، يېڭى ئەۋزەللىكنى يېتىلدۈرۈش كېرەك»، دەپ تاپىلىدى.

خېنەن ئۆلكىسى باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر مەيدان بۇغداي ئىسلاھاتىنى باشلىدى. ئالدى بىلەن ئىككى يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ بۇغدايدىن مۇقىم ھوسۇل ئېلىش ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى ھەمدە 2016-يىلىدىن باشلاپ ئەلا سۈپەتلىك مەخسۇس بۇغداي تېرىشنى كېڭەيتتى ۋە تەرەققىي قىلدۇردى ھەمدە كىلىمات، تۇپراقنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىنى شىمالىي خېنەن چىڭ تالالىق بۇغدىيى، ئوتتۇرا شەرقىي خېنەن چىڭ تالالىق بۇغدىيى ۋە جەنۇبىي خېنەن بوش تالالىق بۇغدىيىدىن ئىبارەت ئۈچ ئىشلەپچىقىرىش رايونىغا ئايرىدى.

ئادەتتىكى بۇغداي تېرىشقا سېلىشتۇرغاندا، ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي مەيلى تېرىش تېخنىكىسى جەھەتتىن بولسۇن ياكى ئېتىز پەرۋىشى ئۆلچىمى جەھەتتىن بولسۇن بۇنىڭغا قويۇلىدىغان تەلەپ يۇقىرى. خېنەن ئۆلكىسىنىڭ شەھەر، ناھىيەلىرىدە مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ تېرىقچىلىق قىلىشىغا بۆلۈنۈپ يېتەكچىلىك قىلىندى. ئەلا سۈپەتلىك بۇغداينى ئومۇملاشتۇرۇش شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپلا قالماي يەنە كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلەتتى.

ھازىر خېنەن ئۆلكىسىدە ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، مىڭ مودىن يۇقىرى يەككە سورت كۆلىمى تۇتاش تېرىلغۇ رايونى 2265 كە يەتتى. بۇ يىل كۈزلۈك تېرىلغۇ مەزگىلىدە، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي تېرىلغۇ كۆلىمى 13 مىليون 500 مىڭ موغا يېتىپ، پۈتۈن ئۆلكىدىكى بۇغداي تېرىلغۇ ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %15.8 ئىگىلىدى، 2020-يىلى ئەلا سۈپەتلىك بۇغداي كۆلىمىنى 15 مىليون موغا يەتكۈزۈش مۆلچەرلەنمەكتە.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خېنەن ئۆلكىسى مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇپ، سۈپەتنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ كوزىرىنى بەرپا قىلدى

-قۇرۇلتايدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۈچ قېتىم خېنەنگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ئۇ: ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت بۇ ئەۋزەللىكنى، كوزىر ماركىنى ھەرقانداق ۋاقىتتا يوقىتىپ قويۇشقا بولمايدۇ، دەپ تەكىتلىدى.