ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالتە تارماق خەتەرلىك مال يول تىرانسپورت بىخەتەرلىكنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 16:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا، قاتناش-تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق ئالتە تارماق بىرلىكتە «خەتەرلىك ماللارنىڭ يول تىرانسپورت بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش چارىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ چارە 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.

ئېلىمىز خەتەرلىك بۇيۇم ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىشلىتىش چوڭ دۆلىتى، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە خەتەرلىك مال يول تىرانسپورت كارخانىسى جەمئىي 12 مىڭ 300غا، توشۇيدىغان ئاپتوموبىل 373 مىڭغا، بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىندىغانلار بىر مىليون 600 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ھەر كۈنى 3 مىليون توننىغا يېقىن خەتەرلىك بۇيۇم توشۇلغان، خەتەرلىك بۇيۇم يول تىرانسپورت مىقدارىنىڭ خەتەرلىك بۇيۇم تىرانسپورت ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %70گە يەتكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ خەتەرلىك مال يول تىرانسپورت كەسپىنى باشقۇرۇشى ئۈزلۈكسىز قېلىپلاشتۇرۇلدى، تەرەققىيات ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلاندى، لېكىن قانۇنسىز توشۇشقا ھاۋالە قىلىش، بەلگىلىمىگە خىلاپ توشۇش، تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىغا بەلگىلىمىگە خىلاپ يۆلەك بولۇش قاتارلىق بەزى يوچۇق ۋە مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت.

«چارە»نى چىقىرىشتىكى مەقسەت خەتەرلىك مال يول تىرانسپورت ھادىسىلىرىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش.

中央广播电视总台 央广网 版权所有