ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرلەش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 16:36

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە: ئاۋمېن ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكىنىڭ 20 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن.
باياناتچى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شۇ چاغدا پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى ۋە قىسمەن ئاساسلىق ئەمەلدارلىرى سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئاۋمېن نېگىزلىك قانۇنى كومىتېتى يەنە خەلق سارىيىدا ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ نېگىزلىك قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزىدۇ، ئىچكى جايلار ۋە ئاۋمېندىكى نېگىزلىك قانۇن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇتەخەسىس ئالىملار مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتنىشىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئاۋمىن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرلەش سۆھبەت يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى نېگىزلىك قانۇنى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزىدىكەن