12-ئايدا كۈننىڭ ھالقىسىمان تۇتۇلۇشى قاتارلىق ئاسمان ھادىسىلىرى كۆرىلىدۇ
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:
يىل ئاخىرىدا ئاسمان ھادىسىلىرى كۆپ كۆرىلىدۇ. ئاسترونومىيە مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دېدى: 12-ئايدا ۋېنېرا ساتۇرن بىلەن بىرلىشىش، جەۋزا يۇلتۇز تۈركۈمىدىكى ئاقار يۇلتۇز يامغۇرى ئىنتايىن زورىيىش، كۈن ھالقىسىمان تۇتۇلۇش، ۋېنېرا ئاي بىلەن بىرلىشىش قاتارلىق نۇرغۇن ئېسىل ئاسمان ھادىسىلىرى ئاسمان بوشلۇقىدا نۆۋەت بىلەن كۆرىلىدۇ.