ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا ئىجازىتى سۆھبەت نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 16:54

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېقىندا دۆلەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «2019-يىللىق سۆھبەت دورىلىرىنى <دۆلەتنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى> نىڭ B تۈرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، سۆھبەت دورىلىرى ئىجازىتى نەتىجىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. يېڭى نۇسخىدىكى دورا مۇندەرىجىسىدە قانداق يارقىن نۇقتىلار بار، قاچان ئەمەلىيلىشىدۇ؟ بىمارغا قانداق ئەمەلىي تەسىرى بار؟ ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ۋە كەسپىي مۇتەخەسسىسلەر بۇنى چۈشەندۈردى.

دۆلەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى تېببىي دورا مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شيۇڭ شيەنجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغان دورىلارنىڭ كۆپىنچىسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىدىن بازارغا سېلىنغان ھەمدە بىر قەدەر يۇقىرى كىلىنىكىلىق قىممەتكە ئىگە دورىلار بولۇپ، راك كېسىلى، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر، رېماتىزم ئىممۇنىتى، يۈرەك-مېڭە قان تومۇرى، ھەزىم قىلىش قاتارلىق 10 نەچچە كىلىنىكىلىق داۋالاش ساھەسىگە چېتىلىدۇ. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى بەش ئاساسىي دورا سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، راك كېسىلىگە تاقابىل تۇرىدىغان 22 دورا، ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرگە ئىشلىتىدىغان يەتتە دورا، سوزۇلما كېسەل يەنى دىيابېت كېسىلى، B تىپلىق جىگەر ياللۇغى، رېماتىزملىق بوغۇم ياللۇغى قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان 14 دورا، بالىلار كېسەللىكلىرىگە ئىشلىتىلىدىغان تۆت دورا سۆھبىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، مۇندەرىجە قۇرۇلمىسى يەنىمۇ ئەلالاشتى.

بۇ قېتىمقى سۆھبەتتە مىقدارى باھاغا سۇندۇرۇلۇپ دورا ھەققى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلدى، دۇنيادىكى نۇرغۇن داڭلىق قىممەتلىك دورىلار ئېتىبار باھادا سېتىلدى، كۆپ ساندىكى ئىمپورت قىلىنغان دورىلارغا دۇنيا بويىچە ئەڭ تۆۋەن باھا قويۇلدى.

سۆھبەت ئارقىلىق ئىجازەتكە ئېرىشىدىغان دورىلار بىلەن ئادەتتىكى ئىجازەتلىك دورىلار 2020-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ماس قەدەمدە يولغا قويۇلىدۇ. سۆھبەتتە مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەن دورىلارغا مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش چىقىم قىلىش ئۆلچىمى قوللىنىلىدۇ.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى دورا ئىجازىتى سۆھبەت نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

يېقىندا دۆلەتلىك داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ئىدارىسى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى «2019-يىللىق سۆھبەت دورىلىرىنى <دۆلەتنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسى ۋە تۇغۇت سۇغۇرتىسى دورا مۇندەرىجىسى> نىڭ B تۈرى دائىرىسىگە كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقىتىپ، سۆھبەت دورىلىرى ئىجازىتى نەتىجىسىنى رەسمىي ئېلان قىلدى. يېڭى نۇسخىدىكى دورا مۇندەرىجىسىدە قانداق يارقىن نۇقتىلار بار، قاچان ئەمەلىيلىشىدۇ؟