ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى جۇ يوۋيۇڭغا دەۋر ئۈلگىسى دەپ نام بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئادىل ئابلەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-02 16:54

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەپ، ھەممە بىر نىيەتتە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ھەل قىلغۇچ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان پەيتتە مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 12-ئاينىڭ2-كۈنى بېيجىڭدا پۈتۈن جەمئىيەتكە جۇ يوۋيوڭنىڭ ئىلغار ئىش-ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلىپ، ئۇنىڭغا دەۋر ئۈلگىسى دەپ نام بەردى.

جۇ يوۋيۇڭ جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، يۈننەن يېزا ئىگىلىك داشۆسىنىڭ پەخرىي مۇدىرى، يۈننەن ئۆلكىلىك پەن-تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئېلىمىزنىڭ داڭلىق ئۆسۈملۈك پاتولوگىيە مۇتەخەسسىسى. ئۇ كوممۇنىستلارنىڭ ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچىنى باشتىن-ئاخىر ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرىغا پائال ئاتلىنىپ، ئېغىر نامرات «مىللەتلەر بىۋاسىتە ئۆتكەن رايون»لارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرىپ نامراتلارنى يۆلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى يېتەكلەپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شۇ جاينىڭ نامرات، قالاق قىياپىتىنى ئۆزگەرتتى. ئۇ يېزا ئىگىلىك ئىلمىي تەتقىقاتىغا كۈچ چىقىرىپ، كۆپ تۈرلۈك زور پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، مەۋقەنى يېزىلارنىڭ ئەمەلىيىتىگە قارىتىپ، پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنىڭ ھاسىلاتقا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاكادېمىكلارنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەشكە يېتەكلەش كۇرسى ئېچىپ، يۈننەندىكى ئاز سانلىق مىللەت نامرات رايونلىرىغا 1000 دىن ئارتۇق پەن-تېخنىكا ئارقىلىق بېيىش باشلامچىسىنى تەربىيەلەپ بەردى. ئۇ يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلارغا رىشتە باغلاپ، چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ، لەنساڭ لاخۇ ئاپتونوم ناھىيەسى بىلەن ئالاقە ئورناتقاندىن بۇيان، ھەممە كەنتكە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېتىز-ئېرىقلارنى ئايلىنىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى بىلەن تاماقتا، ياتاقتا، ئەمگەكتە بىللە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ھەقىقىي ھۆرمىتىگە ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا ئېرىشىپ، «دېھقان ئاكادېمىك» دەپ تەرىپلەندى. ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ دۆلەت پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى بويىچە 2-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى، مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر كومپارتىيە ئەزاسى، مەملىكەت بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن كەسپىي تېخنىكا ئىختىساسلىق خادىمى»، «مەملىكەت بويىچە ئۈلگىلىك ئوقۇتقۇچى» قاتارلىق ناملارغا ئېرىشتى.

中央广播电视总台 央广网 版权所有