ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى كېچياڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمايىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-12-03 09:57

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

«كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى بويىچە تەربىيەلەش سەپەرۋەرلىك-ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا ئەركىن سودا سىناق رايونىدا «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى. يوليورۇقتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ئۇرغۇتۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ سودا مۇھىتى سىجىل ياخشىلاندى، دۇنيا بويىچە رەت تەرتىپى زور دەرىجىدە ئۆستى، لېكىن خەلقئارادىكى ئىلغار سەۋىيە بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنە نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلەر مەۋجۇت، باھالاشقا قاتناشقان شەھەرلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېلىمىزنىڭ باشقا شەھەرلىرىنىڭ سودا مۇھىتىدىمۇ خېلى پەرق بار. سودا مۇھىتىنى بازارلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، خەلقئارالاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، گۇۋاھنامىدىن كېيىن كىنىشكىنى ئازايتىپ ۋە ئاددىيلاشتۇرۇپ تەستىقلاشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «ئىجازەتلىك تىجارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلماسلىق» ھادىسىسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، تېخىمۇ كۆپ يېڭى كارخانىلارنىڭ ئېچىلىشى ۋە تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى كېچياڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدا «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

«كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى بويىچە تەربىيەلەش سەپەرۋەرلىك-ئورۇنلاشتۇرۇش تېلېۋىزىيەلىك تېلېفون يىغىنى 12-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا ئەركىن سودا سىناق رايونىدا «كىنىشكا بىلەن گۇۋاھنامىنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى